باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جۇڭشىڭ زور كۆلەمدە خادىم قىسقارتىدۇ، يانفون بۆلۈمىدە ئەڭ كۆپ

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:59

 

Technode تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Technode تور بېكىتى تېخنىكا خەۋەرلىرىنىڭ چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن ئەڭ يېڭى خەۋىدە ئېيتىلىشىچە، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «جۇڭشىڭ تەخمىنەن 3000 ئادەم قىسقارتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بەشتىن بىر قىسىمى ئىپادىسى ناچار بولغان يانفون كەسپىي تارماقلىرىدىن قىسقارتىلىدۇ». بۇ خەۋەر جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭ كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى زاتلىرىنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى.

بۇ خەۋەرنىڭ كونكىرت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

جۇڭشىڭنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 60 مىڭ خىزمەتچىسى بار، لېكىن بۇ قېتىم تەخمىنەن %5 خادىم قىسقارتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەر شارى مىقياسىدىكى يانفون كەسپىي تارماقلىرىدىن 600 ئادەم قىسقارتىلىدۇ، بۇ يانفون كەسپىي تارماقلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمى سانىنىڭ %10ىنى ئىگىلەيدۇ.

ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر باشقۇرغۇچى مۇنداق دېگەن: «جۇڭگونىڭ يانفون كەسپىي تارماقلىرىدىكى قىسقارتىلىدىغان خادىملارنىڭ نىسبىتى %20تىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ پىلان بۇ يىلنىڭ 1-پەسلى ئىچىدە تاماملىنىدۇ».

جۇڭشىڭنىڭ يانفون كەسپىي تارمىقى چەتئەلدىكى شۆبە شىركىتىنىڭ بىر دىرېكتورى ئۆز تارمىقىنىڭ 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن %10 خادىمنى قىسقارتىش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ دىرېكتور مۇنداق دېگەن: بىر قىسىم خادىملارنىڭ ئىسمى ئاتىلىپ چوقۇم قىسقارتىش تەلەپ قىلىندى، چۈنكى ئۇلار ئىلگىرى جۇڭشىڭنىڭ رىقابەتچىسى بولغان خۇاۋېينىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن «مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى» دەپ قارالغان.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جۇڭشىڭ بۇلتۇر 3-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ئېكسپورتىنى تىزگىنلەش سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن جۇڭشىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭشىڭغا مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشىغا چەك قويۇلغان. گەرچە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى جۇڭشىڭغا بېرىلگەن ۋاقىتلىق ئېكسپورت ئىجازەتنامىسىنى يەنە 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە ئۇزارتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تىرامپنىڭ سودا قورۇقچىلىقى سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى پايدىسىز ئامىللارمۇ جۇڭشىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى كەسىپلىرىگە قويۇق تۇمان تاشلىغان. دەل بۇ خىل ئېنىقسىزلىق جۇڭشىڭنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى ئىپادىسىگە تەسىر يەتكۈزگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ 4G تور ئاساسىي پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ تاماملىناي دەپ قالغان، 5Gنىڭ پۇقراۋى ئۆلچىمى ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىگەن بولغاچقا، بۇ جەھەتتىكى كەسىپلەرمۇ بىر ۋاكۇئۇم دەۋرىگە دۇچ كەلگەن.

IDCنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭشىڭنىڭ بۇلتۇرقى يەر شارى مىقياسىدىكى ئەقلىيفونلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 2015-يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %36.5 تۆۋەنلىگەن، ئوخشاشلا IDCنىڭ 2015-يىلىدىكى سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭشىڭ ئامېرىكا ئەقلىيفون بازىرىنىڭ %8لىك بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار جۇڭشىڭنى ئامېرىكىدىكى ئالما، سامسۇڭ ۋە LG قاتارلىق بۇنداق خەلقئارالىق چوڭ يانفون زاۋۇتلىرىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان 4-چوڭ ئەقلىيفون ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا ئايلاندۇرغان. بۇ خىل پەرق كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. مۇخبىر مۇشۇ خەۋەرنى بەرگەنگە قەدەر جۇڭشىڭ بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ئوبزور ياكى چۈشەندۈرۈش ئېلان قىلمىغان.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1