باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

قۇياشتا ھاياتلىق مەۋجۇتمۇ؟

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:53

 

 

بۈگۈنكى باش خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: قۇياشتا راستىنلا ھاياتلىق يوقمۇ؟ بەلكىم سىز بۇ بىر ئەخمىقانە سوئال دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، قۇياشتا قانداقمۇ ھاياتلىق بولسۇن، تېمىپراتۇرا شۇنچە يۇقىرى تۇرسا، مۇھىت شۇنچە ناچار تۇرسا، تەھرىرنىڭ كاللىسىغا سۇ كىرىپ قالدىمۇ نېمە؟ ئالدىرىماڭ، سىز قۇياشقا بېرىپ باقمىغان، مەنمۇ بېرىپ باقمىغان، شۇڭا بىز يوق دەپ مۇقەررەرلەشتۈرۈۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئۇنداقتا قۇياشتا زادى ھاياتلىق بارمۇ-يوق؟ جاۋابى: يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇياشقا ئوخشايدىغان بۇنداق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسىدە يوق. ئەمما مېنىڭ يوق دېگىنىم پەرەزلىك ھۆكۈم ئەمەس، شۇنداقلا ئېغىزىمغا كەلگەننى بىلجىرلىغىنىممۇ ئەمەس. تۆۋەندە قۇياشتا نېمىشقا ھاياتلىق يوقلۇقىنىڭ سەۋەبىنى سۆزلەپ بېرىمەن.

 

بىرىنچى، ئالدى بىلەن يەر شارىدىكى ھاياتلىققا قاراپ باقايلى. يەر شارىدىكى جانلىقلار ئاساسلىقى كاربوننى ئاساس قىلغان شەكىلدە مەۋجۇت بولىدۇ، يەنى كاربون بىلەن سۇنى ئاساس قىلىدۇ، بۇلار ئاساسلىقى بىر دۆۋە ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتاسى، ياغ كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنداق ھاياتلىق شەكلىنى 100 نەچچە گرادۇس ھالاك قىلىۋىتەلەيدۇ. ئەمما قۇياشنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمىپراتۇرا قىسمى، يەنى قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپراتۇرىسى 5000 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى، شۇڭا قۇياشتا ھاياتلىق بار دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئورگانىك چوڭ مولېكۇلادىن تەركىب تاپقان كاربوننى ئاساس قىلغان ھاياتلىق ئەندىزىسىدە ئەمەس.

 

ئىككىنچى، ئۇنداقتا باشقا مۇمكىنچىلىك بارمۇ؟ مەسىلەن: كاربوننى ئاساس قىلغان ھاياتلىق ئەمەس بەلكى بىئورگانىك كرېمنىينى ئاساس قىلغان ھاياتلىق دېگەندەك. كرېمنىي بېرىكمىسىنىڭ ئىسسىقلىققا چىدامچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا كرېمنىينى ئاساس قىلغان ھاياتلىق يۇقىرى تېمپراتۇرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ، ئۇنداقتا بۇ قاراشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ ناھايىتى ئەپسۇس، بۇمۇ مۇمكىن بولمايدۇ، كرېمنىينى ئاساس قىلغان ھاياتلىقلىقلا ئەمەس (ئەگەر كرېمنىينى ئاساس قىلغان ھاياتلىق مەۋجۇت دەپ قارالغاندا)، بىئورگانىك شەكىلدىكى ھاياتلىقنىڭ ھەممىسى قۇياشتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، چۈنكى ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ ئەڭ سول تەرىپى ۋە ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان ئېلېمېنت بېرىكمىسىنىڭ باغ ئېنېرگىيەسى گەرچە بىر قەدەر مۇستەھكەم بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئېلېمېنتلاردا چوڭ مولېكۇلا بېرىكمىسى ھاسىل قىلىدىغان كوئوردېنات سانى كەمچىل، بۇنىڭدىن قارىغاندا مولېكۇلا شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھاياتلىقمۇ مەۋجۇت بولالمايدۇ.

 

ئۈچىنچى، مولېكۇلا شەكلىدىكى ھاياتلىقتىن ئۈمىد قىلمىدى، ئەمدى بىز داۋاملىق ئىچكىرىلەپ ئويلاپ باقايلى، ھاياتلىقنىڭ بىۋاسىتە ئاتوم شەكلىدە مەۋجۇت بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ، يەنى كىچىككىنە بىر ئاتوم بىر ھاياتلىقنى تەشكىللىيەلەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە قۇياشنىڭ تاشقى يۈزىدىكى يۇقىرى رېمپراتۇرا ئاستىدا ئاتومنىڭ ئاساسىي شەكلىمۇ نورمال ساقلانمايدۇ، يۇقىرى تېمپىراتۇرا ئاستىدىكى ئېلېكترون ئاتوم يادروسىنىڭ چۈشۈكىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، ئاتوم گاز ھالىتىدە ياكى تەڭ ئىئون ھالىتىدە قۇياشنىڭ تاشقى يۈزىدە تارقىلىپ يۈرىدۇ. شۇڭا ھاياتلىقنىڭ ئاتوم شەكلىدە مەۋجۇت بولۇش ئۈمىدىمۇ يوققا چىقتى.

 

تۆتىنچى، ئاتوممۇ مۇمكىن بولمىسا، ئۇنداقتا بىز داۋاملىق كاللا قاتۇرايلى، ھاياتلىقنىڭ ماددا، ئەمەلىي گەۋدە شەكلىدە ئەمەس، بەلكى مەيدان شەكلىدە ياكى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ بۇ مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. بىز ھازىر ئالەمدە ئېلېكتىر ماگنىت تەسىر كۈچى، تارتىش كۈچى، كۈچلۈك تەسىر كۈچى ۋە ئاجىز تەسىر كۈچىدىن ئىبارەت تۆت خىل ئاساسىي كۈچ بارلىقىنى بىلىمىز، ئەمما تۆۋەن ئېنېرگىيە ئاستىدا (قۇياش ئالەم بوشلۇقىدا پەقەت تۆۋەن ئېنېرگىيە ھېسابلىنىدۇ)، ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى بولمايدۇ، تارتىش كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولغاچقا، كۈچلۈك- ئاجىز تەسىر كۈچىنىڭ ئۆزئارا تەسىرى ئىنتايىن تېز ئاجىزلاپ كېتىدۇ، پەقەت مىكرو دۇنيادىلا تەسىرى بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتلىق شارائىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە يەتمەيدۇ، شۇڭا يەكۈن مۇنداق: قۇياشتا ناھايىتى ئاددىي ماددا ئۆزئارا تەسىرى مەۋجۇت، بۇلار مۇرەككەپ ھاياتلىقنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، كېيىن بىرەرسى قۇياشتا ھاياتلىق بارمۇ دەپ سوراپ قالسا، سىز مەيدىڭىزنى كېرىپ تۇرۇپ، پاكىت كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «يوق» دەڭ!



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1