باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

دېل مىكرو ئۈستەل كومپيۇتېرى OptiPlex 7050نى ئېلان قىلدى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:46

 

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دېل (Dell) شىركىتى CES 2017 كۆرگەزمىسىدە نۇرغۇنلىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلدى، خاتىرە كومپيۇتېر ۋە ئېكران قاتارلىقلاردىن سىرت دېل بۈگۈن يەنە مىكرو تىپتىكى ئۈستەل كومپيۇتېرى OptiPlex 7050نى ئېلان قىلدى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كىچىك ۋە نەپىس بولۇشتىن ئىبارەت. OptiPlex 7050نىڭ ئاساس ساندۇقى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما سەپلىمىسى ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئەمەس، مەيلى كۆڭۈل ئېچىش ياكى بىر قەدەر ئېغىر تىپتىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش جەھەتتە بولسۇن ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.

ئاساس ساندۇقىنىڭ چوڭلۇقى ھازىرچە ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئورگان تورى تەمىنلىگەن سۈرەتتىن ئۇنىڭ ناھايىتى كىچىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، بىراق «كىچىك» بولۇش ھەرگىزمۇ ئىقتىدارى تۆۋەن، ئەمەلىي كۈچى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ يەردىكى ھالقىلىق نۇقتا سەپلىمىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىدە. ئىگىلىنىشىچە دېل يېڭىدىن ئېلان قىلغان OptiPlex 7050 يۈرۈشلۈك كومپيۇتېرلىرنىڭ سەپلىمىسىنى ئىختىيارى تاللىغىلى بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئىنتېل 7-ئەۋلاد تۆت يادرولۇق i7 بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە AMD R7 450 4GB تىپلىق مۇستەقىل سىن كارتىسىنى قوللايدىكەن. ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى ئەڭ چوڭ بولغاندا 32GB/64GB (مىكرو ۋە ئۆلچەملىك)قا، قاتتىق دىسكا سىغىمى 2TBقا يېتەلەيدۇ.

مەشغۇلات سىستېمىسىنىمۇ خالىغانچە تاللىغىلى بولىدىكەن، مەسىلەن Win 7 كەسپى نەشىرى (32/64 بىتلىق)، Win 10 ئائىلە ياكى كەسپى نەشىرى (64 بىتلىق)، Ubuntu 16.04 LTS سىستېمىسى 64 بىتلىق نەشىرى ۋە جۇڭگو رايونىغا مەخسۇس تەمىنلىدىغان NeoKylin 6.0 نەشىرى قاتارلىقلارنى ئىختىيارى تاللاشقا بولىدىكەن. باھاسى 679 دوللار (خەلق پۇلىغا تەخمىنەن 4699 يۈەن) بولۇپ، 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدىكەن.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1