باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

تىرامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتى ئوغرىلانسا دۇنيا تەۋرەپ كېتىدۇ

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:31

 

بېتا تورىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تىرامپ زۇڭتۇلۇققا سايلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ Twitter ئاكونتى بازارنى تەۋرەتتى. ئۇ «كۆلەڭگە دىپلوماتىيەسى» سىياسىتىنى ئىجرا قىلدى ھەمدە يەرشارىدىكى تاراتقۇلار ئۈچۈن يېڭى دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ھالبۇكى ئەگەر ئالاھىدە بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى بولمىسا، تىرامپنىڭ Twitter ئاكونتى باشقىلار تەرىپىدىن پۇل-بايلىق ۋە مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىلىشى، رايون سىياسىيسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىشى كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر بىر Twitter ئاكونتى پەقەت ئەتراپتىكى تۈرلۈك خەۋەرلەرنى ياكى ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈشكە ئىشلىتىلسە، ئۇ ئوغرىلىنىپ كەتسىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ. ئەمما تىرامپنىڭ تەسىر كۈچى، ئۇنىڭ قوشۇلۇپ ئۇنىڭ يازمىلىرىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بولۇشى Twitter ئاكونتىنى خاككېرلارنىڭ نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. 


140 سۆز بازارنى تەۋرەتتى

ئۇ ئىلگىرى يادرو قورالىنى كېڭەيتىش ھەققىدىكى سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئۇران پايچېكىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ بىلەن كارخانىلار بەس-بەستە پاي چېكىنى ساتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن بوئىن، لوكھىد مارتىنلارنى زەربىگە ئۇچراتقاندىن كېيىن بۈگۈن بۇ ئاكونت يەنە تويوتاغا ئوت ئاچتى. تىرامپ ئۇنىڭدا «تويوتا ئامېرىكىدا زاۋۇت قۇرمىسا زور مىقداردا باج تاپشۇرۇشى كېرەك» دەپ، تويوتانىڭ پاي چېكىنىڭ بىۋاستە چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئاكونتنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان خەتەرلىك كۆرسەتكۈچى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. 

ئېنىقكى، بىر تال ئۇچۇرمۇ زور بايلىق يارىتىشى مۇمكىن. ئەگەر مەلۇم بىرى تىرامپنىڭ Twitter ئاكونتىغا ئېرىشەلىسە، ئۇ تىرامپنىڭ ئۇسلۇبىدا مەلۇم بىر شىركەتنى زەربىگە ئۇچرىتالايدۇ ھەمدە باشقىلارغا ماس ھالدىكى پاي چېكى ياكى سۇغۇرتا سودىسى قىلدۇرسا بولىدۇ. Trigger ناملىق بازار ئىز قوغلاش ئەپ دېتالى ھەتتا بۇ خىل ئەسكەرتمە ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىندى، تىرامپنىڭ Twitterدىكى يازمىسى پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋاقىتتا ئۇچۇر ئەۋەتىپ ئەسكەرتمە بېرىدۇ. 


رايون سىياسىي يولۇقىدىغان خەتەر زورىيىدۇ

ئەگەر خاككېر رايون سىياسىيسىنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇلار ئوخشاشلا تىرامپنىڭ ئۇسلۇبىدا بىر دۆلەت ياكى رەھبەرنى ماختايدىغان ياكى تەنقىد قىلىدىغۈان سۆزلەرنى يوللاپ، دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا كاشىلا قىلالايدۇ. ئەگەر خاككېرنىڭ  ئۆچ-ئاداۋىتى بولسا ئۇلار ھەتتا تىرامپنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، 19 مىليون مەستانىلەرنىڭ ئالدىدا دۈشمىنىنىڭ نامىنى ئېنىق ئاتاپ ئۇنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلىۋېتەلەيدۇ. 

تىرامپنىڭ Twitter يازمىسى شۇقەدەر تەسىر قوزغاپ، ئوبامانىڭ ئاشكارە نۇتۇقى ۋە يىغىنلاردىكى لېكسىيەلىرىنىڭ تەسىرىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولغاچقا، تىرامپنىڭ ئاكونتىنى ئوغرىلىغانلار ئۇنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ يازما يوللاپلا مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. (2013-يىلى ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ Twitter ئاكونتىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن خاككېر ئاقساراي پارتلايدۇ دەپ يالغان خەۋەر تارقىتىپ، DJ كۆرسەتكۈچىنىڭ 150 نۇقتا چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.)


Twitterنىڭ داڭلىق شەخسلەرگە قارىتىلغان ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرى يوق

بۇ ۋەھىمە بىلەن ئادەم قورقۇتقانلىق ئەمەس. رۇسىيە قوللىغان خاككېرلىق ھەرىكىتىنى قويۇپ تۇرايلى، پەقەت ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىلا كىنو ئاكتىيورلىرى، شىركەتنىڭ ئالىي ئەمەلدرى، ئامېرىكا دۆلەتلىك پۇتبول بىرلەشمىسى، بېلگىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى، ھەتتا زاكىربېرگ قاتارلىقلارنىڭ Twitter ھېساباتى ئوغرىلىنىپ باققان ياكى بىنورمال ئېچىلىپ باققان. بۇلارنى ئېچىش ئۈچۈن ھېچقاندا مۇرەككەپ تېخنىكا ۋە ماھارەت كەتمەيدۇ. بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلار ئادەتتە يازما يوللاش ھوقۇقىغا ئىگە بىر قىسىم ئۈچىنچى تەرەپ دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ ئاكونتنى ئېچىپ يازما يوللىيالايدۇ. بۇ خاككېرلارنىڭ كەسپىي بولۇشى ياكى پەردە ئارقىسىدا نامەلۇم كۈچنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ياشلار. تىرامپنىڭ ئاكونتى ئىلگىرى خاككېرلار تەرىپىدىن ئوغرىلانغان. 2013-يىلى مەلۇم بىرسى ئۇنىڭ ئاكونتىنى ئىشلىتىپ بىرقانچە جۈملە ناخشا تېكىستى يوللىغان. 


تىرامپنىڭ Twitter ئاكونتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟ 

ھىلارى ۋە ئوبامانىڭ سايلام ئاكونتىنى باشقۇرغان ۋە زۇڭتۇڭ ئاكونتىنى باشقۇرۇپ باققانلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، Twitterدا سىياسىيونلارغا قارىتىلغان ھېچقانداق ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرى يوق. 


ئاقسارايدا بىخەتە ئۈسكۈنە بار، ئەمما تىرامپ ئىشلىتەمدۇ-يوق، ئېنىق ئەمەس

ئوبامانىڭ ئاقسارايدىكى تور ئىشلىرى باش نازارەتچىسى Alex Wallنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئامېرىكا زۇڭتۇڭى» ئورگان ئاكونتىدا دەرۋەقە ئالاھىدە بىخەتەرلىك كېلىشىمى بار ئىكەن، ئەمما ئىشلەتكۈچىلەر كومپيۇتېرىدا تەڭشىلىدىكەن. بۇلارنى زۇڭتۇڭ ۋە خادىملارنى «خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاقساراي خەۋەرلىشىش ئىدارىسى تەڭشەپ بېرىدىكەن، مەسىلەن كۆپ قاتلاملىق مەخپىي نومۇر، ئورگان تەرەپ ئاكونتىغا مەخپىي نومۇر سالىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى دېگەندەك. بۇ كىچىك ئۈسكۈنىلەر قاتتىق قوغداش تەدبىرى ئارقىلىق قوغدىلىدىغان بولغاچقا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىش زۆرۈر ئىكەن. 

Wallمۇ ئىلگىرى ھىلارىنىڭ ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇ باش نازارەتچىسى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ھىلارى ئەترىتىمۇ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئوخشاش كېلىشىم ئىشلىتىشنى پىلانلىغان. ئەگەر تىرامپ بۇ تەدبىرنى ئىشلىتىشكە قوشۇلسا ھەمدە پەقەت «ئامېرىكا زۇڭتۇڭى» ئاكونتىدىنلا يازما يوللىسا خاككېرلارنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. 

ئەمما بۇ ئانچە مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ئاقساراي باياناتچىسى Spicer ئۇقتۇرۇشتا «تىرامپ داۋاملىق تۈردە Twitter ئىشلىتىپ ئاساسلىق سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ» دېدى ھەمدە تىرامپنىڭ facebook ۋە instagramنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قەتئىي تۈردە داۋاملىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇنىڭدىن سىرت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى، Spicer بىلەن ئاقساراينىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مەسلىھەتچىسى Reince Preibus ئاقساراينىڭ ئەنئەنىۋى كۈندلىك خەۋەرلەر گېزىتىنى ئۆزگەرتىشنى قايتىدىن ئويلىشىشقا ماقۇل بولدى، بۇ تېخىمۇ كۆپ Twitter يازمىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قانچىلىك ئۈسكۈنىلەرنىڭ تىرامپنىڭ Twitter ئاكونتىنى زىيارەت قىلالايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. 



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1