باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

سامسۇڭ شىركىتى Galaxy S8دىن 10 مىليون دانە سېتىشنى پىلانلىدى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:27

 

cnbeta تورى 4-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ 6-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە 12-ئايغىچە بولغان بىر پەسىلدە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تىجارەت پايدا سوممىسى ئەسلىدىكى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. گەرچە سامسۇڭ Note 7 پارتلاپ كېتىش ۋە قايتۇرۇۋېلىش ۋەقەسى سامسۇڭنى قىيىنچىلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ئىچكى سىغىم ئۆزەك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى پايدا سوممىسىنى ئاشۇرغان. سامسۇڭ 6-يانۋار ئېلان قىلغان دەسلەپكى قەدەمدىكى تىجارەت نەتىجىسى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ 4-پەسىلدىكى پايدا سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئېشىپ 9 تىرىليون 200 مىليارد ۋونغا (تەخمىنەن 7 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)غا يەتكەن بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان. تەھلىلچىلەر سامسۇڭنىڭ تىجارەت پايدا سوممىسى پەقەت 8 تىرىليون 190 مىليارد كورىيە ۋونى بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغان.

گەرچە سامسۇڭ Note 7نىڭ پارتلاش ۋەقەسى سامسۇڭ شىركىتىگە غايەت زور زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق جۇڭگودىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۆزەك باھاسى ئۆسكەن، OLED كۆرسەتكۈچ ئېكراننىڭ ئېھتىياجىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشقان.

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دېيىشىچە 4-پەسىلدە شىركەتنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 53 تىرىليون ۋون (تەخمىنەن 44 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى)غا يەتكەن. ئىلگىرى تەھلىلچىلەر سامسۇڭنىڭ تىجارەت كىرىمى 52 تىرىليون 100 مىليارد كورىيە ۋونى (تەخمىنەن 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ) دەپ مۆلچەرلىگەن. دەسلەپكى دوكلاتتا ساپ پايدا نىسبىتى ۋە ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ تىجارەت نەتىجە سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىنمىدى. تەپسىلىي مەلۇماتلار ئاي ئاخىرىدىكى ئاخىرقى دوكلاتتا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

كورىيە «ئېلېكترون ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سامسۇڭ كېيىنكى ئەۋلاد Galaxy S8 ئەقلىيفون ئۈچۈن 10 مىليون دانە سېتىش پىلانى تۈزگەن.

Galaxy Note7 ئۆتكەن يىلى يانفون پارتلاش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى، شۇڭلاشقا سامسۇڭ شىركىتى Galaxy S8 ئارقىلىق سامسۇڭ ئەقلىيفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى. مەزكۇر شىركەت Galaxy Note7نىڭ پارتلاش سەۋەبىنى رەسمىي ئېلان قىلمىدى.

سامسۇڭ شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەقلىيفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى. ئىگىلىنىشىچە مەزكۇر شىركەت بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ Galaxy S8نى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدىكەن ھەمدە 4-ئايدا رەسمىي بازارغا سالىدىكەن.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1