باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

ئەپ ئاچقۇچىلار 2016-يىلى ئالما ئەپ دۇكىنىدىن 20 مىليارد دوللار پۇل تاپتى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:24

 

Technode تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گەرچە iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن iOS ئەپ دېتالىنىڭ چۈشۈرۈش مىقدارى ۋە كىرىمى ئەمەلىيەتتە ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغان. يېقىندا ئالما iOS ئەپ دېتالىنى ئاچقۇچىلارنىڭ 2016-يىلى بىر يىل ئىچىدە ئالما ئەپ دۇكىنى (App Store)دىن جەمئىي 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پۇل تاپقانلىقى ھەمدە بۇ ساننىڭ 2015-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %40 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 2008-يىلى ئالما ئەپ دۇكىنى رەسمىي ئېچىېتىلگەندىن بۇيان، يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلارنىڭ كىرىمى 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئالمىنىڭ خەۋەر ئورىگىنالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىستېمالچىلار 2017-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنىدە ئالما ئەپ دۇكىنىدا جەمئىي 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان، خېرىدارلارنىڭ ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسى 12-ئايدا 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەككە يەتكەن. ئەپ بازىرى ئىچىدىكى ئەپ دېتاللىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 2015-يىلىدىكىدىن %20 ئاشقان بولۇپ، ھازىر جەمئىي 2 مىليون 200 مىڭ ئەپ بار ئىكەن.

ئۇنداقتا ئەمەلىي كىرىم جەھەتتە ئىزچىل ئېشىۋاتقان ئەپ دېتاللىرى قايسىلار؟ ئالما Pokemon Go, Clash Royale ۋە Monster Strike ھەمدە جۇڭگولۇق ئويۇنچىلارغا ناھايىتى تونۇش بولغان «خىيالىي غەربكە ساياھەت» قاتارلىقلارنى رەتكە تىزغان. 12-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنغان «Super Mario Run» روژدېستوۋا بايرىمى ۋە بۇ يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى چۈشۈرۈش مىقدارى ئەڭ كۆپ ئەپ دېتالىغا ئايلانغان. Super Mario Runنىڭ چۈشۈرۈش مىقدارى ئۇ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ئالدىنقى تۆت كۈن ئىچىدىلا 40 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، بۇمۇ بىزنىڭ ئويلىمىغان يېرىمىزدىن چىقتى.

ئەپ دېتاللىرى ئىچىدە مۇشتەرى بولۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپ دېتاللىرى ئىچىدە Netflix، HBO Now، Line، Tinder ۋە  MLB.comئەڭ كۆپ نام چىقارغان، ئۇلارنىڭ كىرىمى 2 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىپ، 2015-يىلىدىكىدىن %74 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن iMessage ئەپ دېتالى دۇكىنىدا ھازىر بار بولغان ئەپ دېتاللىرى ۋە چىراي ئىپادىسى چاپلانمىلىرىنىڭ سانىمۇ 21 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلارنىڭ ئالما ئۈچۈن دۇنيا بويىچە ئەيدىز كېسىلى، سىل كېسىلى ۋە بەزگەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ئىئانە توپلايدىغان پايدا ئالمايدىغان ماركا Product RED بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەپ دېتالى ۋە ئەپ دېتاللىرى ئىچىدە سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئىشلىرى ئۈچۈن 17 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1