باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

Cherry شىركىتى MX ئاۋازسىز ئوقلۇق كونۇپكا تاختىسى چىقاردى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:22

 

بېتا تورىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

CHERRY بۇلتۇر CHERRY MX SILENT ئاۋازسىز مېخانىك ئوقنى ئېلان قىلغانىدى، بۇ ئوقلار ئاۋازسىز قارا ئوق، ئاۋازسىز قىزىل ئوق، ئاۋازسىز قارا ئوق RGB ۋە ئاۋازسىز قىزىل ئوق RGB قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمما Corsair شىركىتى سېتىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل ئىگىلىۋالغان بولۇپ، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن Corsair شىركىتى STRAFE RGBنى مۇستەقىل ئىگىلەپ ئىشلەتكەن. ئەمما ئەڭ يېڭى CES 2017 كۆرگەزمىسىدە Cherry شىركىتى MX ئاۋازسىز ئوق ئىشلىتىلگەن ئەسلى تىپلىق كۇنۇبكا تاختىسى G80-3000نى ئېلان قىلدى ھەمدە ئاۋازسىز MX ئوقنى ئامېرىكىدا ئاشكارە سېتىشقا باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

CHERRY ئاۋازى ئوقى MXنى مودۇللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچى بولۇپ، پۈتۈنلەي ئاۋازسىز ھالەتتە توغرا بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، گىلاسنىڭ MX ئاۋازسىز ئوقىغا بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئىككى بۆلەكلىك لايىھە ئىشلىتىلگەن. ۋىكلىيۇچاتىل سىيرىلىدىغان يولغا TPE ئېلاستىك دېتال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئاستىغا تەگكەن ۋە ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتىكى شاۋقۇن ئاۋاز ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تېخنىكا ۋىكلىيۇچاتىلنىڭ خاسلىقى ۋە قول تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. 

ئادەتتىكى MX  ئوققا سېلىشتۇرغاندا ئاۋازسىز ئوقنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 4~0.4mmدىن 3.7-0.4mmغا تۆۋەنلىتىلگەن، ئادەتتىكى مۇساپىسى  2±0.6mm بولۇپ، 1.9±0.6mm تۆۋەنلىتىلگەن. 



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1