باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

8GB RAMلىق يانفونلار چىقماقتا، يانفونغا زادى قانچىلىك RAM يېتىدۇ؟

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:16

 

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەر يىللىق CES كۆرگەزمىسىدە ئېسىل يانفونلار كەم بولمىغان، CES 2017مۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. تۈنۈگۈنكى كۆرگەزمىدە ئەزەلدىن قاتتىق دېتالغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاسۇس (خۇاشو) شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتى ZenFone ARنى ئېلان قىلدى. بۇ دۇنيادىكى تۇنجى بىرلا ۋاقىتتا گۇگول Tango ۋە Daydream سۇپىسىنى، يەنى AR بىلەن VRنى تەڭ قوللايدىغان يانفون، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئاسۇس ZenFone AR يانفونىدا يېڭىچە ۋە كەلگۈسى زامان تۈسىگە تولغان AR ۋە VR تېخنىكىلىرىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيمىز.



ھەممەيلەنگە مەلۇم، AR ۋە VRنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك قاتتىق دېتال ئاساسى كەم بولسا بولمايدۇ، بۇ نۇقتا يانفوندا تېخىمۇ گەۋدىلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسۇس شىركىتى ZenFone AR يانفونىغا سنەپدراگون 821 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىگەن، شۇنداقلا مىسلىسىز ھالدا 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ (RAM) ئىشلەتكەن، بۇ ئۇنى دۇنيادىكى تۇنجى 8GB ئىچكى ساقلىغۇچلۇق ئەقلىيفونغا ئايلاندۇرغان.

بۈگۈنكى مۇنازىرىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىچكى ساقلىغۇچقا مەركەزلىشىدۇ. يۇقىرىقى بايان قىلغىنىمىزدەك 8GB ئىچكى ساقلىغۇچلۇق يانفونلار ئوتتۇرىغا چىقىپ بولدى، ئۇنداقتا يانفونىمىز زادى قانچىلىك ئىچكى ساقلىغۇچقا ئېھتىياجلىق؟

6GB ئىچكى ساقلىغۇچ تېخى ئومۇملاشقىنى يوق

ئەقلىيفون قاتتىق دېتاللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىچكى ساقلىغۇچمۇ ئۇنىڭغا يېتىشىپ مېڭىۋاتىدۇ. نەچچە يىل بۇرۇن ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى «MB»نى بىرلىك قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە «GB»نى بىرلىك قىلىۋاتىدۇ؛ 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفونلار تېخى CES 2015 كۆرگەزمىسىدە تۇنجى بولۇپ نامايەن قىلىنغان، بۇ يىل 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفون رەسمىي مەيدانغا كەلدى... بۇنداق تېز تەرەققىيات سۈرئىتى خۇددى بىزنى ھەممەيلەننىڭ يانفونى ئارقىدا قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

يۇقىرىقىسى 2015-يىلى ۋە 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ھەر خىل سىغىملىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ سان جەھەتتىكى سېلىشتۇرمىسى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 2GB ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ مىقدارى شىددەت بىلەن ئازايغان، 4GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفونلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، شۇنداقلا 6GB ئىچكى ساقلىغۇچلۇق يانفونلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ھازىر خۇاۋېي، شىياۋمى، ئوپپو ۋە نۇبىيا قاتارلىق ئاساسلىق يانفون ماركىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا 6GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفونى بار. بىراق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا چېتىلغانلىقتىن، 6GBلىق يانفونلارنىڭ مال تەمىنلەش مىقدارى يېتەرلىك ئەمەس، ئومۇملىشىش نىسبىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئومۇملىشىش نىسبىتى تىلغا ئېلىنسا، 2017-يىلىنى يانفونلارنىڭ ئۆلچەملىك ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى 4GBدىن باشلىنىدىغان بىر يىل بولىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.


8GB ئىچكى ساقلىغۇچ 6GB ئىچكى ساقلىغۇچتىن قانچىلىك كۈچلۈك؟

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى قانچە چوڭ بولسا، يانفون ئېرىشىدىغان نۇمۇر شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، مەشغۇلات سۈرئىتىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ، بىراق بۇ مەلۇم شەرتنى تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتىكى ئىشلىتىش جەريانىدا بىز 8GB ئىچكى ساقلىغۇچتىن تولۇق پايدىلىنالامدۇق؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەقلىيفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى يىغىۋېلىش مېخانىزىمىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.

ئاندىرويىد يانفونلىرىنى مىسالغا ئالساق، سىستېمىنىڭ ئىچكى قىسمىغا Low Memory Killer مېخانىزىمى ئورنىتىلغان، يەنى يانفون ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى يېتىشمىگەندە، سىستېما يانفوننىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئارقا سۇپىدا ئىجرا بولۇۋاتقان بىر قىسىم پروگراممىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا سىستېمىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە راۋان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇنداقتا سىستېما قايسى خىلدىكى پروگراممىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؟ ئاندىرويىد سىستېمىسىدا ئىجرا بولۇۋاتقان پروگراممىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى oom_adj ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، سىستېما ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاپتوماتىك ھالدا oom_adj قىممىتى يۇقىرى، يەنى ئانچە مۇھىم بولمىغان پروگراممىلارنى تاقايدۇ، مەسىلەن، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى 22 مىگابايتتىن كىچىك بولغاندا، oom_adj قىممىتى 14 دىن يۇقىرى بولغان پروگراممىلار تاقىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلالايدىغان ئەپ (ياكى پروگرامما) سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەسىلەن، 6GB ئىچكى ساقلىغۇچلۇق يانفوندا بىرلا ۋاقىتتا 30 ئەپنى ئىجرا قىلسىمۇ قېتىپ قالمايدۇ، 8GB ئىچكى ساقلىغۇچلۇق يانفوندا 45 ئەپنى بىرلا ۋاقىتتا ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ دېگەندەك. بۇ سان پەقەت مىسال ئۈچۈن ئېيتىلدى، ئەمەلىيتتە 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن بىر ئەقلىيفوندا بىرلا ۋاقىتتا 52 ئەپ دېتالنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. بىراق، ئادەتتىكى كىشىلەر يانفون ئىشلەتكەندە بىرلا ۋاقىتتا ئاچىدىغان ئەپ سانى ھەرگىزمۇ ئۇنداق كۆپ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، 6GB ۋە 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفوننىڭ ئىقتىدار جەھەتتىكى پەرقىنى ئادەتتىكى ئىشلىتىش جەريانىدا ھەرگىز ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، بىردىنبىر پايدىسى شۇكى، 8GBلىق يانفوندا ئەپلەرنى تېخىمۇ خالىغانچە ئاچالايسىز خالاس.

ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىنىڭ چوڭىيىشى بىر يۈزلىنىش

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، 8GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن يانفوننى ئىشلەتكەندە ھەيران قالارلىق ئۈنۈمگە ئېرىشەلىشىمىز ناتايىن، ئەمما كەلگۈسىدىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ دېسەك خاتالاشقان بولىمىز.

ئەقلىيفونلار يەنە نەچچە يىل تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغاندىن كىيىن، تەرەققىياتى بوغۇلۇپ قالىدىغان بىر مەزگىلگە قەدەم قويىدۇ، كارخانىلارنىڭ ھەممىسى بۇ ۋاقىتتا تېڭىرقاش ئىچىدە كەلگۈسىدىكى يانفوننى يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. شىياۋمى يىقىندا پۈتۈن ئېكرانلىق Mix يانفونىنى چىقاردى، روڭياۋ ئەقلىي مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان Magic يانفونىنى ئېلان قىلدى، ئاسۇس ZenFone AR يانفونى بولسا AR بىلەن VR تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈردى. ئومۇمەن ئالغاندا، ئەقلىيفونلارنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزدىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلەش ھاجەتسىز، ئۇ كەلگۈسىدە بارلىق ئەشيا تورلاشتۇرۇش دەۋرىنىڭ يادروسى بولۇپ قالىدۇ. بىز ئەقلىيفوندا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغان بولغاندا، يانفون ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان، يانفوندىكى ئەڭ مۇھىم زاپچاس سانىلىدىغان ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىمۇ بارغانسېرى چوڭىيىپ بارىدۇ، 10GB؟ 16GB؟ ئەلۋەتتە بۇ تامامەن مۇمكىن.

مەشغۇلات ئادىتى توغرا بولمىغاندا ئىچكى ساقلىغۇچ قانچە چوڭ بولسىمۇ بىكار

ئەمەلىيەتكە قايتىپ كەلسەك، نۇرغۇنلىغان يانفون ئىشلەتكۈچىلەر بىر تەرەپتىن ئىچكى ساقلىغۇچنى چوڭايتىشنى قوغلىشىدۇ، ئەمما يانفون ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمايدۇ.

ئاندىرويىد يانفونى ئىشلىتىۋاتقانلاردا مۇنداق بىر ئورتاق تەسىرات بولۇشى مۇمكىن: يېڭىدىن سېتىۋالغان يانفوننى قانداقلا ئىشلەتمەيلى شۇنچىلىك راۋان، ئاسانلىقچە قېتىۋالمايدۇ، بىراق بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كىيىن ئاسانلا قېتىۋالىدۇ. بۇنداق قېتىۋېلىش مەسىلىسى يانفوندىكى ساقلىغۇچ بوشلۇقىدىن باشقا، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا يانفون ئىشلىتىش ئادىتى توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بۇ يەردە كۆپچىلىككە يانفون ئىشلىتىش ئادىتى ھەققىدە بىر قانچە تەكلىپ بېرىمىز. ئالدى بىلەن، ئەقلىيفون ئىشلەتكەندە ئەپ دېتاللارنى ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن قاچىلاڭ، زۆرۈر بولمىغانلىرىنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىڭ، بولمىسا ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگەللىۋالىدۇ، ئېقىم مىقدارىنى خورىتىدۇ. يەنە ئەپ دېتالنىڭ كېلىش مەنبەسىگىمۇ دىققەت قىلىڭ، ئامال بار يانفونىڭىزغا ئالدىن قاچىلانغان ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا ئادەتلىنىڭ، دائىم ئىشلەتمەيدىغان ئەپ دېتاللارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىنلا ئارقا سۇپىدىن چىقىرىۋېتىڭ، يانفوندىكى ئەخلەتلەرنىمۇ ۋاقتى-ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇڭ. ئاخىرىدا، ئەگەر يانفونىڭىزنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ، سىستېما ئالماشتۇرمىسا بولمىغۇدەك دەرىجىگە بېرىپ قالغان بولسا، ئەڭ ياخشىسى يانفوننى زاۋۇتتىن چىققان ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرۇڭ (بۇنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇچۇرلارنى زاپاسلاشنى ئۇنۇتماڭ)، ئەگەر 3-تەرەپ ئىشلىگەن ROMلارنى ئىشلىتىشنى ياقتۇرسىڭىز، قالايمىقان ئەپلەر قاچىلانمىغان پاكىز ROMنى تاللاڭ، ھەرگىزمۇ قايسىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى چىرايلىق بولسا شۇنى قاچىلىماڭ.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1