باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

CESتا چوڭ تىپتىكى ئادەملىك ماشىنا ئادەملەر كۆرگەزمە قىلىندى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:10

 

بېتا تورىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 2016-يىللىق لاس ۋىگاس ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان «ساختا ماشىنا ئادەم»لەر سائىتىگە 30 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە يول يۈرەلەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاۋقۇن ئاۋازى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن، كەلگۈسىدە مۇرەككەپ يەر شەكلىدە كۆچمە ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ئېگىزلىكى 4.2 مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر، ئېغىرلىقى 3500 كىلوگىرام، سىرتقى كۆرۈنۈشى جانلىقلارغا تەقلىد قىلىنغان تېز سۈرئەتتە يۆتكىلەلەيدىغان ماشىنا. كونترول قىلغۇچى خادىم ماشىنىنىڭ ئۈستىدىكى مەركىزىي ئورۇندا ئولتۇرۇپ، كۆچمە تىزگىنەك ئارقىلىق ماشىنا ئادەمنىڭ پۇتىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ. 

سودىگەر كىرىستىن خوۋاردنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ماشىنا ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى نېۋادا قۇملۇقىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتەلەيدىكەن، گەرچە گەۋدىسى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا ئاساسىي جەھەتتىن ئاۋاز چىقارمايدىكەن. 

بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ ياسىغۇچىسى، ئىنژېنېر جوناتان تىپپېت (Jonathan Tippett) ئېلېكتىر سۇيۇقلۇقىنى قوللىنىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ماشىنا ئادەمنىڭ بىۋاستە تېگىشىش سېزىمى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت جەريانىدا ھاسىل بولغان شاۋقۇن ئاۋاز ئىنتايىن تۆۋەن. بۇ ماشىنا ئادەمگە لىتىي ئىئونلۇق باتارىيە سەپلەنگەن بىر قېتىمدا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى سائەت ھەرىكەت قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماشىنا ئادەم ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرۇپ 50 سانتىمېتىر ئارىلىققا يۆتكىلەلەيدۇ، شۇڭا ئۇ كەلگۈسىدە يەرشەكلى تۈز بولمىغان ئورۇندىكى مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلالىشى مۇمكىن. 

بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ ماشىنا ئادەم قۇملۇققا ئاپىرىلىپ سىناق قىلىنىدۇ، تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئۆلچەيدۇ. ماھىيەتتە بۇ بىر چوڭ تىپتىكى ھەرىكەتچان ماشىنا، ماشىنا بىلەن ئادەم بىرىكىپ پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانلار ھەرىكىتىنىڭ چېكىنى بۇزۇپ تاشلىغان. 



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1