باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

تېسلا ۋە پاناسونىك ھەمكارلىشىپ لىتىي باتارىيەسىنى تۈركۈملەپ ئىشلەشكە باشلىدى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:06

 

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلا شىركىتىنىڭ 4-يانۋار بىلدۈرۈشىچە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ نېۋادا شىتاتىدىكى Gigafactory زاۋۇتى ئاللىقاچان لىتىي ئىئونلۇق باتارىيەنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ زاۋۇتنى تېسلا شىركىتى بىلەن پاناسونىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئىكەن. 

Gigafactory زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقارغىنى سىلىندىرسىمان 2170 تىپلىق باتارىيە بولۇپ، بۇ خىل باتارىيەنى تېسلا شىركىتى بىلەن پاناسونىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ لايىھەلەپ چىققان ئىكەن. بۇ خىل باتارىيە ئاساسلىقى تېسلا شىركىتىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش مەھسۇلاتلىرى ۋە Model 3 تىپلىق توكلۇق ماشىنىلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن. تېسلا شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە Gigafactory زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان دەسلەپكى قەدەمدىكى باتارىيەلەر Powerwall 2 ۋە Powerpack 2 ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن.   

ئىككىنچى پەسىلدىن باشلاپ Gigafactory زاۋۇتى Model 3 تىپلىق توكلۇق ماشىنىلارغا ئىشلىتىلىدىغان باتارىيەلەرنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدىكەن. پىلانغا ئاساسەن Gigafactory زاۋۇتىنىڭ يىللىق باتارىيە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 35 گېگاۋات/سائەتكە يېتىدىكەن، تېسلا شىركىتىنىڭ دېيىشىچە بۇ نىشانغا 2018-يىلىدىن ئىلگىرى يەتكىلى بولىدىكەن. تېسلا شىركىتىنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە باتارىيە گۇرۇپپىسىنىڭ تەننەرخىنى %30 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. ئىشلەپچىقىرىش يۇقۇرى پەللىگە يەتكەندە Gigafactory زاۋۇتى 6500 نەپەر ئىشچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن، ئەتراپتىكى رايونلار ئۈچۈن جەمئىي 20 مىڭدىن 30 مىڭغىچە ئىش ئورنى يارىتىپ بېرەلەيدىكەن.  



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1