باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

مال ساتقۇچىنى ئەرز قىلىپ زور تۆلەم تەلەپ قىلىش: ئەلى بابا ساختا مالغا زەربە بېرىشنى باشلىدى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:01

 

Technode تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەلى بابا يېقىندا ئۆزىنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىدىكى ئىككى مال ساتقۇچىنى ئەرز قىلىپ، ئۇلارنىڭ تاۋباۋ تور بېكىتى ئارقىلىق ساختا SWAROVSKI قول سائىتى ساتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان. ئەلى بابا ئۆزىنىڭ بىر باياناتىدا بۇ قېتىملىق دەۋانىڭ ئۆز شىركىتىنىڭ ساختا تاۋارلارنى ساتقۇچىلارغا قارىتا تۇنجى قېتىم قانۇنىي تەدبىر قوللىنىشى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزلىرىنى دەۋا جەريانىدا 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تۆلىمى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھازىر باشقا ساختا مال ساتقۇچىلارغىمۇ يەنە ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەلى بابا ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن بىر پارچە ئەرزنامە تىزىملىكىنى تەييارلاپ قويغان بولۇپ، ئۇلار توختامدىكى پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىش ۋە سودا ئىناۋىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشنى سەۋەب قىلىپ، ساختا مال ساتقان دۇكان ئىگىسىگە قارىتا ئۈزلۈكسىز تۆلەم تەلەپ قىلىشنى پىلانلىغان.

ئەلى بابا ئۆزلىرىنىڭ يېتەرلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەش نەتىجىسىدە شېنجېن لوخۇ رايونىدىكى ساقچىلارنىڭ بۇلتۇر 8-ئايدا بىر ساختا مال سېتىش دۇكىنىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، 125 دانە ساختا SWAROVSKI قول سائىتىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 2 مىليون يۈەن خەلق پۇلى (تەخمىنەن 288 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى)غا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى ساختىلىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى كاپىتال بازىرىدا ئوخشاشلا بىر قىسىم ئىنكاسلارنى قوزغىغان، بايانات ئېلان قىلىنغان شۇ كۈنى ئەلىبابانىڭ پاي چېكى باھاسىنىڭ نيۇيوركتىكى ئۆسۈش كۆرسەتكۈچى %2تىن ئاشقان. بۇ قېتىمقى دەۋا يۈز بېرىشتىن ئازراقلا بۇرۇن ئەلى بابا ئەمدىلا ئامېرىكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەرىپىدىن 2-قېتىم ساختا مال يامراپ كەتكەن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىلگەن ئىكەن.

تاۋباۋ بۇرۇن 2011-يىلىلا ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن 2012-يىلىدا ساختا مال ۋە ئوغرىلىقچە ئىشلەنگەن ماللارغا زەربە بېرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن قارا تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەن. لېكىن ئالدىنقى ئايدا ئۇلار يەنە بىر قېتىم ساختا مال يامراپ كەتكەن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋېتىلگەن، چۈنكى ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى تاۋباۋنى «ئابرۇيى تۆكۈلگەن» بازار، ئۇنىڭدىكى ساختا تاۋارلار ۋە ئوغرىلىقچە ئىشلەنگەن ماللار توغرىسىدىكى ئەرزلەر قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان سەۋىيىگە يەتكەن، دەپ قارىغان.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1