باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

«بىيوخىمىيە كىرىزىسى 7» تېما قىلىنغان مەۋھۇم رېئال 4D شام ئېلان قىلىندى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:00

 

بېتا تورىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«بىيوخىمىيە كىرىزىسى 7»نىڭ VR شەكلىدە ئوينىغۇچىلار مەۋھۇم رېئاللىق ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئويۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنۈشلەرنى بىۋاستە باشتىن كەچۈرەلەيدۇ. ھازىر Merchoid Community شىركىتى CES 2017 كۆرگەزمىسىدە مەخسۇس «بىيوخىمىيە كىرىزىسى 7» ئۈچۈن تەييارلانغان 4D VR شامىنى كۆرگەزمە قىلدى، بۇ شام ئارقىلىق «قان سۇيۇقلۇقى، تەر ۋە قۇرقۇنۇچلۇق پۇراقلار»نى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. 

ياسىغۇچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شام ئۇدا 18-20 سائەت يېنىپ تۇرالايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىنى «نەملىك، كونا ياغاچ ماتېرىيال ۋە قان ھىدىنىڭ ئارىلاشمىسى»دىن شەكللەنگەن پۇراققا ئىگە قىلالايدىكەن، ئوينىغۇچىلار بۇ ئارقىلىق ئويۇننىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلالايدىكەن. 

بۇ شامنىڭ سېتىلىش باھاسى 18.99 دوللار، يەنى تەخمىنەن 130 يۈەن.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1