باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

يانفون باھالاش سۇپىسىدا شياۋمى 6نىڭ نومۇرى iPhone 7دىنمۇ ئېشىپ كەتتى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:58

 

IT ئائىلىسى تورى 7-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سىنا مىكرو بىلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى «ئەسەبىي رەقەملىك گېزىت» ئىسىملىك ئابۇنت يېقىندا تورداشلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان شىياۋمى 6 يانفونىنىڭ مەلۇم نومۇر قويۇش سۇپىسىدىكى نەتىجىسىدىكى ئېلان قىلدى، ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىنى، بۇ يانفوننىڭ ئېرىشكەن نومۇرى 210 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن!

ھەممەيلەنگە مەلۇم، بۇ يىللىق ئاندىرويىد بازىرىدىدا سنەپدراگون 821 سەپلەنگەن بىر پىلوس 3T يانفونىنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى 160 مىڭ ئەتراپىدا، ئەڭ يۇقىرى نومۇر ساھىبى بولغان iPhone7 Plusنىڭ نەتىجىسىدىمۇ 180 مىڭدىن ئاران ئاشىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقى سۈرەت ئىشەنچلىك بولسا، ئۇنداقتا شىياۋمى 6 يانفونى 210 مىڭ نومۇر بىلەن «نومۇر قاتىلى» غا ئايلىنىدۇ.

كۇۋالكوم شىركىتى نەچچە كۈن بۇرۇنلا يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار دەرىجىلىك بىر تەرەپ قىلغۇچ سنەپدراگون 835نى ئېلان قىلدى، ھازىر بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ دۆلىتىمىزدە شىياۋمى 6 يانفونىغا، چەتئەلدە سامسۇڭ Galaxy S8 يانفونىغا تۇنجى بولۇپ سەپلىنىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ، شىياۋمى 6 كېلەر ئايدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.

سنەپدراگون 835 نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار 10nm FinFET تېخنىكىسىدا ياسىلىدۇ، ئۇنىڭغا كۇۋالكوم تەتقىق قىلىپ چىققان Kryo 280 قۇرۇلمىسىغا ئىگە تۆت دانە 2.45GHz چاستوتىلىق يادرو بىلەن تۆت دانە 1.9GHz چاستوتىلىق يادرو سەپلەنگەن، يادرو سانى سەككىزگە يېتىدۇ. ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىشىمۇ مۇقەررەر. بىراق سنەپدراگون 835 بولغان تەقدىردىمۇ 210 مىڭ نومۇرغا ئېرىشىشى سەل مۇبالىغىمۇ قانداق؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. IT ئائىلىسى تورىنىڭ قارىشىچە يۇقىرىقى سۈرەتنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ دەلىللەش زۆرۈركەن.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1