باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

ئالاھىدە تار رامكىلىق شياۋمى MIX يانفونىنىڭ ئاق رەڭلىكى ئېلان قىلىندى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:55

 

بېتا تورىنىڭ 6-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈنكى CES كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو كارخانىسى شىياۋمىمۇ قاتناشتى ھەمدە كۆرگەزمە مەزگىلىدە مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بىر يۈرۈش يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. ئالدى بىلەن شىياۋمى MIXنىڭ ئاق رەڭلىك نۇسخىسى ئېلان قىلىندى، بۇ شىياۋمى مەستانىلىرى ئۇزۇندىن كۈتكەن مەھسۇلات بولۇپ، يوشۇرۇن تارتىلغان سۈرىتى شىياۋمى MIX ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا ئاشكارىلانغان، ئەمما ئەمدى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

ئاق رەڭلىك نۇسخىدىكى شىياۋمى MIXنىڭ ئەتراپىنىڭ رازمېرى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان بولۇپ، يەنىلا 158.8×81.9×7.9mm، ئېغىرلىقى 209 گىرام. گەۋدىسى ۋە رامكىسى يەنىلا فارفوردىن ياسالغان، ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن، ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى قارا رەڭلىك نۇسخىسىدىنمۇ يۇقىرى. 

شىياۋمى MIX نىڭ ئېكرانىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %91.3، شۇڭا «پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون» دەپ ئاتالغان، شىياۋمى بۇ لايىھەنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىياۋمى MIXنىڭ ئالدى كامېراسىنى ئېكراننىڭ ئاستىغا يۆتكىگەن ھەمدە ئاسما يەلكە شەكلىدىكى پىئېزورئېلېكترىك فارفور ئاكۇستىكا سىستېمىسى ئەنئەنىۋى نائۇشنىكنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان، ئېكران ئىچىگە ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئارىلىق سېنزورى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

سەپلىمە جەھەتتە، ئاق رەڭلىك شىياۋمى MIX قا يەنىلا 6.4 ديۇملۇق 17:9 نىسبەتلىك 2040×1080 ئېنىقلىقتىكى ئېكران، سىناپدراگون 821 بىرتەرەپ قىلغۇچ، 4GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 128GBلىق ساقلىغۇچ، ئالدىغا بەش مىليون پىكسىللىق كامېرا، ئارقىسىغا 16 مىليون پىكسىللىق كامېرا، 4400mAhلىق سىغىمدىكى باتارىيە سەپلەنگەن، قوش كارتا قوش ھالەت ۋە بارلىق تورنى شۇنداقلا QC3.0 تېز توك قاچىلاش تېخنىكىسىنى قوللايدۇ. 

ئەپسۇسلىنارلىقى، ئاق رەڭلىك شىياۋمى MIXنىڭ 6+256GBلىق ئالىي نۇسخىسى تەمىنلەنمەستىن پەقەت 4+128GBلىق ئۆلچەملىك نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ، بۇ يانفون بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىنىدۇ. 



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1