باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

iPhoneدىنمۇ نېپىز تار رامكىلىق شياۋمى 4 تېلېۋىزورى ئېلان قىلىندى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:48

 

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۈنۈگۈن CES كۆرگەزمىسى ئامېرىكىنىڭ لاسۋىگاس شەھىرىدە رەسمى باشلاندى، جۇڭگو يانفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى شياۋمى بۇ قېتىمقى CES كۆرگەزمىسىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقاندىن سىرت يەنە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىر تۈركۈم يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شياۋمى شىركىتى ئاق رەڭلىك شىياۋمى MIX يانفونىنى ئېلان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شياۋمى 4 تېلېۋېزورىنىمۇ ئېلان قىلدى، بۇ تېلېۋېزورغا LEDلىق ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، تېلېۋېزورنىڭ ئەڭ نېپىز جايىنىڭ قېلىنلىقى ئاران 4.9 مىللىمېتىر كېلىدۇ. بۇلاردىن باشقا شىياۋمى 4 تېلېۋېزورىغا تار رامكا لاھىيىسى قوللىنىلغان، ئېكرانىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىمۇ 4Kغا يېتىدۇ، ئومومى كۆرۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى.  

شىياۋمى شىركىتى بۇ قېتىم شىياۋمى 4 تېلېۋېزورىنىڭ كونكىرېت سەپلىمىلىرىنى ئاشكارىلىمىغان، پەقەت 65 دىيۇملۇق، 55 دىيۇملۇق ۋە 49 دىيۇملۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۆلچەمدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 65 دىيۇملۇق نۇسخىسىنىڭ بۆلەكلەر بويىچە لايىھەلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

شىياۋمى 4 تېلېۋېزورى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە دۆلەت ئىچىدە يەنە بىر قېتىم مەخسۇس مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، شىياۋمى 4 تېلېۋېزورىنىڭ كونكىرېت سەپلىمە ئۆلچەملىرى ۋە سېتىلىش باھاسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىدىكەن. سېتىلىش باھاسى ئەڭ يۇقۇرى بولغىنى 65 دىيۇملۇقى بولۇپ 2000 دوللاردىن تۆۋەن (13700 يۈەندىن تۆۋەن) بولىدىكەن.





ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1