باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

ئالما iPhone 8نىڭ سەپلىمىلىرى ئاشكارىلاندى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:34

 


بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالمىنىڭ iPhone 8 يانفونى نۆۋەتتە مەخپىي سىناق قىلىنماقتا، ئالاقىدار خادىملارمۇ «iPhone 8 بۇ قېتىم تەدرىجىي قولدىن بېرىپ قويۇۋاتقان جۇڭگو بازىرىنى قايتىدىن قولىغا ئالىدۇ» دەپ قارىماقتا. 

ھەر قېتىملىق ئالما مەھسۇلاتى ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئالما يانفونىغا ئەڭ يېڭى A يۈرۈشلۈك ئۆزىكى سەپلىنىدۇ، iPhone 8مۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە iPhone 8گە ئىشلىتىلىدىغان A11 ئۆزىكىگە TSMCنىڭ 10nm ھۈنەر-سەنئىتى ئىشلىتىلىدىكەن، ئەمما سەپلىمە ئۇچۇرلىرى تېخى ئاشكارىلانمىدى. ئالاقىدار خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ئالما داۋاملىق تۈردە تۆت يادرولۇق Fusion ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرىدىكەن، بۇنداق قىلغاندا A11 ئۆزىكى مەيلى ئاساسىي چاستوتا جەھەتتە بولسۇن ياكى قۇۋۋەت سەرپىياتى جەھەتتە بولسۇن زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.

گەرچە iOS 10 جۇڭگودىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەلالاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا يېتەرلىك دەرىجىدە تەلەپكە ئۇيغۇن ئەمەس، مەسىلەن T9 تېلېفون ئۇرۇش، پاراڭلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى يوق، بۇ قېتىم iPhone 8گە سەپلىنىدىغان iOS 11گە بۇ ئىقتىدارلار قوشۇلۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن سىرت iPhone 8 يەنە قوش چېكىپ ئېكراننى يورۇتۇش ئىقتىدارىنى قوللايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر Home كۇنۇپكىسىنى باسماي تۇرۇپلا ئېكراننى يورۇتالايدۇ. 

iPhone 7 يەنىلا تېز توك قاچىلاشنى قوللىمايدۇ، باتارىيەسىنىڭ سىغىمى چوڭ ئەمەس، ئەمما يەنىلا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاندىن توك قاچىلاپ بولغىلى بولىدۇ. iPhone 8دە بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ. ئالما ئاللىبۇرۇن تېز توك قاچىلاش ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، ئالمىنىڭ تېز توك قاچىلاش سۈرئىتىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي iPhone 8 يەنە سىمسىز توك قاچىلاشنى قوللايدۇ، بەلكىم يىراقتىن سىمسىز توك قاچىلىغىلىمۇ بولۇشى مۇمكىن.

iPhone 8گە ئەڭ يېڭى ئەينەك لايىھە، ئەڭ يېڭى ئەينەك ساندىۋىچ مېتال ئوتتۇرا رامكا لايىھەسى ئىشلىتىلىدۇ، بۇ لايىھە ئىلگىرى iPhone 4 ۋە iPhone 4Sكە ئىشلىتىلگەن، دېمەك بۇ لايىھە لايىھەلىگۈچىنىڭ جوبسقا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى 2017-يىلى ئالما يانفونى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ئەمەسمۇ؟ خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە iPhone 8گە تېخىمۇ چوڭ ئېكران ئىشلىتىلىدىكەن، يەنە تېخى Home كۇنۇپكىسى ئېلىۋېتىلىدىكەن، Touch ID ئىقتىدارى iPhone 8نىڭ ئېكرانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن، iPhone 8گە يەنە تار رامكا لايىھەسى ئىشلىتىلىدۇ. 



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1