باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

ئالمىنىڭ كىرىمى 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەپ، كۇكنىڭ مائاشىمۇ زور چۈشۈپ كەتتى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 07:27

 

تېڭشۈن تورى تېخنىكا قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ 6-يانۋار ئاشكارىلىشىچە شىركەتنىڭ ئالدىنقى يىللىق تىجارەت كىرىمىدە 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكتىن، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي تاپاۋىتىمۇ چۈشۈپ كەتكەن. 

ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي تاپاۋىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلىشى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ نەق پۇل ئۈنۈم مۇكاپاتىنىڭ شىركەت كەسپ نەتىجىسىنىڭ نىشانغا يەتمىگەنلىكى سەۋەپلىك قىسىپ قويۇلۇشى سەۋەبىدىن ئىكەن. ئالما شىركىتىنىڭ 2016-يىللىق ساپ كىرىمى 215 مىليارد 600 مىليون دوللار، تىجارەت پايدىسى 60 مىليارد دوللار بولغان بولۇپ، شىركەتنىڭ تاپاۋەت ھەيئەتلىكى بەلگىلىگەن كەسىپ نەتىجىسى نىشانىدىن تۆۋەن بولۇپ قالغان.

ئالمىنىڭ ئامېرىكا ئاكسىيە سودىسى ھەيئىتىگە تاپشۇرغان بىر پارچە ھۆججىتىدە مۇنداق يېزىلغان: بۇ كەسىپ نەتىجىسى، ھەربىر ئالىي باشقۇرغۇچنىڭ ئالىدىغان ئومومىي تاپاۋىتى تاپاۋەت نىشانىنىڭ %89.5گە باراۋەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

كۇك ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ئالىي باشقۇرغۇچىلار ئەترىتىگە نىسبەتەن ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق. ئالما تاپاۋەت ھەيئىتىنىڭ ھەر بىر ئالىي باشقۇرغۇچىنىڭ ئىپادىسى ۋە شىركەتكە قوشقان تۆھپىسىگە ئاساسەن ئىش ھەققىگە قىسمەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ھوقوقى بار. لېكىن تاپاۋەت ھەيئىتى بۇ قېتىم ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىگە بۇ خىل تەڭشەش قىلمايدىغانلىقىنى قارار قىلغان.

ئالما شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ 2016-يىللىق مائاشى 2015-يىللىق مائاشىدىن كۆرىنەرلىك تۆۋەن بولغان. بۇ ئۇلارنىڭ تەكلىپ قىلىش توختىمىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن مائاشنىڭ شىركەت كەسىپ نەتىجىسى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىدىن بولغان ئىكەن.

ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا ئالمىنىڭ 2016-يىللىق ساپ كىرىمى ئالدىنقى يىلدىن %7.7 ، تىجارەت پايدىسى ئالدىنقى يىلدىن %15.7 تۆۋەنلىگەن. 

كۇكنىڭ ئاساسى مائاشى 2016-يىلنىڭ بېشىدا ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرۈلگەن ئىدى. ئۇندىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئاساسىي مائاشى ئىككى مىليون دوللار ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ 2016-يىللىق ئومۇمىي تاپاۋىتى ئاران سەككىز مىليون 700 مىڭ دوللار بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىن بىر مىليون 500 مىڭ دوللار كېمەيگەن.

ئەمىلىيەتتە كۇكنىڭ 2016-يىللىق ئومومىي تاپاۋىتى 2014-يىللىق تاپاۋىتىغا قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن.

ئالما شىركىتىنىڭ باشقا ئالىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ 2016-يىللىق ئاساسىي مائاشى يەنىلا بىر مىليون دوللار. باشقا ئالىي باشقۇرغۇچىلاردىن لۇكا مائىستىرى (Luca Maestri) ، ئانجېلا ئارېندتىس (Angela Ahrendts)، ئېددىي كۇ (Eddy Cue)، دەن رىسسىيو (Dan Riccio) بىرۇسى سېۋېل (Bruce Sewell) قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي تاپاۋىتىدىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. 



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1