باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

ماسون تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشتىكى بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ سۈرىتى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 06:47

 

بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ئۆزئارا ياردەم بەرگۈچىلەر تەشكىلاتى (ئىنگلىزچىسى: Free-Mason) (تولۇق ئاتىلىشى: Free and Accepted Masons تەرجىمىسى:ئەركىن ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان تاشچىلار) بۇنىڭ خەت مەنىسى «ئەركىن تاشچىلار» دېگەن مەنىدە (خەنزۇچىسى: 自由石匠) بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە 18-ئەسىردە ئەنگلىيەدە بارلىققا كەلگەن، مەزكۇر تەشكىلات دىنىي تۈسى ئىنتايىن قويۇق بولغان قېرىنداشلار تەشكىلاتى، شۇنداقلا ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ زور سىرلىق تەشكىلاتتۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنى مېھرىبانلىق ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىمىز، شۇنداقلا گۈزەل ئەخلاق روھى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىمىز دەپ ئاتىۋالغان (تۆۋەندە تورداشلار تونۇشلۇق نامى ماسون بويىچە ئېلىنىدۇ). 

دۇنيا تارىخىدىكى كۆپلىگەن مەشھۇر زاتلار ۋە سىياسىيونلارنىڭ ھەممىسى ماسونلارنىڭ ئەزاسى مەسىلەن: مونتىسكىيۇ، ۋولتېر، ۋىكتور ھىيۇگو، گود، ھايدىن،ساد ماركۇز، موزارت، بېتخوۋىن، ئىمپېراتور فېردىرىخ، ماركۇد دېلافايىت، جورجى ۋاشىنگتون، توماس جېففىرسون، فىرانكىلىن دېلانو روزۋېلىت، جون ئەدگېر خوۋېر، مارك تىۋىن، ئارتۇر كونان دويىل، گارىبالدى، مۇستاپا كامال، ۋىنىستون چېرچىل، باز ئالدىرىن، بېنجامىن فىرانكىلىن، ھېنىرىي فورد، توماس ئېدىسون، يەن جياگەن، جياڭ ۋېيگو، لى جياچىڭ قاتارلىقلار. 

مونتىسكىيۇ

ۋولتېر

 ۋىكتور ھىيۇگو

گود

ھايدىن

ساد ماركۇز

موزارت

بېتخوۋىن

ئىمپېراتور فېردىرىخ

ماركۇد دېلافايىت

جورجى ۋاشىنگتون

توماس جېففىرسون

فىرانكىلىن دېلانو روزۋېلىت

جون ئەدگېر خوۋېر

مارك تىۋىن

ئارتۇر كونان دويىل

 گارىبالدى

مۇستاپا كامال

ۋىنىستون چېرچىل

باز ئالدىرىن

 بېنجامىن فىرانكىلىن

ھېنىرىي فورد

توماس ئېدىسون

يەن جياگەن

جياڭ ۋېيگو

لى جياچېڭ

بۇ سىرلىق تەشكىلات ناھايىتى مەخپىي ھەرىكەت قىلغاچقا، ماسونلار كۆپلىگەن سۇيىقەست نەزەرىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەتتا سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلىدىغان بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ماسونلار دۇنيا تەرتىپىنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ئەزاسىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. 

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر سۈرەتچى تاسادىپىي پۇرسەتتە ماسونلارنىڭ 23 ئەزاسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ھەمدە ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىۋالدى، قېنى ئۇلارنىڭ سىرلىق قىياپىتىنى كۆرۈپ بېقىڭ.




ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1