باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

مالايسىيا: MH370 ئايروپىلانىنى ئىزدەش توختىشى مۇمكىن

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 06:47

 

جۇڭگو ئاخبارات تورى 6-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مالايسىيا قاتناش مىنىستىرى Liow Tiong Laiنىڭ 6-يانۋار كۇئالالۇمپۇردا كۆرسىتىشىچە، مالايسىيا ئايروپىلانى MH370نى ئىزدەش ئەترىتى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يىپ ئۇچى تەمىنلىيەلمىسە ئىزدەش ھەرىكىتى توختىشى مۇمكىن ئىكەن.

Liow Tiong Laiنىڭ شۇ كۈنى بىر ئاشكارە پائالىيەتكە قاتناشقاندا بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا قانات يايدۇرۇلغان 120 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق ئىزدەش ھەرىكىتى بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئاخىرلىشىدىكەن. مالايسىيا، جۇڭگو ۋە ئاۋستىرالىيە 28-يانۋاردىن بۇرۇن ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئېچىپ ئىزدەش ئەترىتىنىڭ دوكلاتى ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىزدەش-ئىزدىمەسلىكنى ئۈچ دۆلەت قارار قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋستىرالىيەنىڭ تىرانسپورت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 12-ئايدا ئېلان قىلغان «MH370نىڭ تۇنجى پىرىنسىپلىق باھالاش دوكلاتى»دا يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىزدەش دائىرىسى ئىچىدە بولماسلىقى مۇمكىن، دەپ قارالغان بولسىمۇ لېكىن «ئۇ پەقەتلا بىر پەرەز» ئىكەن.

ئۇ: «ئىزدەش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغان ئىشەنچلىك يىپ ئۇچى بولمىسا 120 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق ئىزدەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىزدەش ھەرىكىتىنى توختىتىشىمىز مۇمكىن» دېدى.

2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مالايسىيانىڭ MH370 ئايروپىلانى كۇئالالۇمپۇردىن بېيجىڭغا ئۇچۇۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن، كېيىن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرى زور كۆلەملىك ئىزدەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان، لېكىن ھازىرغىچە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

مالايسىيا خەلق ئاۋىئاتسىيە شىركىتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانىنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەم ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان. 



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1