باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

ياپونىيەنىڭ «ياشانغانلار» ئېنىقلىمىسىنى 75 ياشقا ئۆستۈرۈشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 06:42

 


    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى توكيودا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە  ھازىرقى 65 ياشتىن ئاشقانلارنى «ياشانغانلار» دەپ قارايدىغان ئېنىقلىمىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، 75 ياشتىن ئاشقانلارنى «ياشانغانلار» قىلىپ بېكىتىش تەكلىپى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ياپونىيە ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيىدىكى ئۆلۈش نىسبىتى شۇنداقلا باشقىلارنىڭ خەۋەر ئېلىشىغا موھتاج دەپ قارالغان ياشانغانلار نىسبىتىنىڭ سىلجىشى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 10 يىلدىن 20 يىلغىچە بۇرۇنقى دەۋرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى ياپونىيىلىكلەردە ماغدۇرىدىن كېتىپ ئاجىزلاش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلۈش يېشى  بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەش يىلدىن 10 يىلغىچە كەينىگە سۈرۈلگەن.

  شۇ سەۋەبتىن، ياپونىيە ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتى نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان 65 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىنى «ياشانغانلار» دەپ بېكىتىش ئېنىقلىمىسىنى «ياشىنىش ئالدىدا تۇرغانلار» غا ئۆزگەرتىشكە، 75 ياشتىن ئاشقانلارنى «ياشانغانلار» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتتە جامائەت پىكرى توپلاپ، 65 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىدىكىلەرنىڭ خىزمەت قىلىش ۋە پىدائىي بولۇش تەلىپىنى قوللاشنى، يۇقارقى ياش توپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە تېخىمۇ ھاياتى كۈچ بەخش ئېتىشىنى تەلەپ قىلغان.

        

     



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1