باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

بىرازىلىيەدە 2016-يىلى 378 مەھبۇس تۈرمىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە ئۆلدى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-07 06:38

 

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5-يانۋار سان پاۋلۇدىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

بىرازىلىيەنىڭ تۈرمە باشقۇرۇش تەرتىپسىز، مەھبۇسلار زىيادە كۆپ بولغاچقا زوراۋانلىق ۋەقەسى كۆپلەپ يۈز بەردى. 2016-يىلى 378 مەھبۇس تۈرمىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە قازا قىلدى، ئۆلگەن ئادەم سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بىر ئادەمدىن توغرا كەلدى. 

بىرازىلىيە يەر شارى تورىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى بىرازىلىيەدە تۈرمىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئادەم سانى سىئارا ئىشتاتىدا ئەڭ كۆپ بولۇپ 50 ئادەمگە يەتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا پېرىنامبۇكو ئىشتاتى بولۇپ، تۈرمىدە غەيرى نورمال ئۆلگەن ئادەم سانى 43. ئۈچىنچىسى شىمالىي رىيوگىراند ئىشتاتى بولۇپ 31 مەھبۇس ئۆلگەن. ھالبۇكى تۈرمىدە غەيرى نورمال ئۆلۈش خاتىرىسى يوق جاي پەقەتلا ئېسپىرىتو سانتو ئىشتاتىكەن. 

قانۇن ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك زاتلارنىڭ دېيىشىچە، بىرازىلىيەنىڭ تۈرمە باشقۇرۇشى تەرتىپسىز، ئاساسىي ئەسلىھەسى ناچاركەن، كۆپ سانلىق تۈرمىلەرنىڭ جىنايەتچىلەرنى قاماش مىقدارى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن، مەھبۇسلار لىق توشقان. بولۇپمۇ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-ساتىدىغان شايكىلار دائىملا زەھەر جىنايەتچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ تۈرمىدە جېدەل چىقىرىپ، ئۆزئارا قىرغىن قىلىدىكەن ھەمدە تۈرمىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. غەيرى نورمال ئۆلگەن مەھبۇسلارنىڭ كۆپ سانلىقى شايكىلارغا ياردەم بېرىش توقۇنۇشى پەيدا قىلغان توپىلاڭدا ئۆلىدىكەن. 

2017-يىلى يېڭى يىلدا، ئامازون ئىشتاتىنىڭ ئانسىيو رۇبىن تۈرمىسىدە ئوخشىمىغان شايكىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ زوراۋانلىق ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ۋەقەدە 56 مەھبۇس ئۆلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 30 جەسەتنىڭ بېشى كېسىۋېلىنغان ياكى پارچىلىۋېتىلگەن بولۇپ ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. بۇ 1992-يىلى تۈرمىدە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ 111 مەھبۇسنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغاندىن بېرى، بىرازىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق تۈرمىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىكەن. 

بىرازىلىيە تۈرمىلىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. «كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى»نىڭ دېيىشىچە، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 20 يىلدىن بېرى تۈرمە باشقۇرۇشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەسلىكى، يېقىندا يۈز بەرگەن تۈرمە زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىكەن، ئۇلار بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىدىن مەبلەغنى زورايتىپ تۈرمىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەسىنى ياخشىلاش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەھبۇسلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەتىرىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان. 

سىئارا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى كامىلو سانتانا:«مۇبادا فېدېراتسىيە قانۇنىنىڭ چەكلىشى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى بولمايدىكەن، ئۇنداقتا ھەر قايسى ئىشتاتلارنى خىرىسقا يۈزلەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن. ئالدى تۈرمىدە يانفون ئىشلىتىشنى تولۇق چەكلەش كېرەك، بولمىسا قاچانلا بولمىسۇن ئامازون ئىشتاتىدىكىدەك ۋەقە كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن. 



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1