باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

دۇنيا ئېسىلزادىلەر بەزمىسىدىكى جۇڭگولۇق نازىنىن-يۈ ۋەنۋەن

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-04 10:42

 

«تېڭشۈن تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىل 29-دېكابىر ئامېرىكا نيۇيورك. 62-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئېسىلزادىلەر بەزمىسى نيۇيوركتىكى پىئېر مېھمانخانىسى ئۆتكۈزۈلدى. نۇرغۇنلىغان ئېسىلزادىلەر ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك توي كۆڭلىكى كىيىپ، قولىغا ئەتىرگۈلنى تۇتقىنىچە بۇ بەزمىگە قاتناشتى. جۇڭگولۇق ئېسىلزادە يۈ ۋەنۋەنمۇ بۇ قېتىملىق ئۇسسۇل بەزمىسىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ بوينىدىكى چوڭ كۆزلۈك كۆك ياقۇت كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

جۇڭگولۇق ئېسىلزادە يۈ ۋەنۋەن «ئاسيا ياغاچچىلىق شاھى» يۈ جىڭلەننىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ، ئېنگىلزچە ئىسمى ۋېندىي يۇ. 90-يىلدىن كېيىن جۇڭگو جېجياڭدا تۇغۇلغان. نۆۋەتتە، لوندوندا ياشاۋاتىدۇ.

يۈ ۋەنۋەن 62-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئېسىلزادىلەر بەزمسىگە قاتناشتى. 

يۈ ۋەنۋەننىڭ ئەر ئۇسسۇل ھەمراھى پىئانىنوچى ليۇ جى ئىدى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىغا ئۇسسۇل بەزمىسىگە قاتنىشىپ تۇرۇپمۇ داۋاملىق خىزمەت قىلغاندىكى سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەپ، «ئەڭ يېڭى خىزمەت ئۇسۇلىنى سىناپ باقتىم، ئۇسسۇل بەزمىسى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى خىزمەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىم كېرەك. ھايات داۋاملىشىۋاتقان ئىكەن، خىزمەتمۇ، نىشانغا يېتىش تىرىشچانلىقىمۇ داۋاملىشىشى كېرەك» دېدى. 

يۈ ۋەنۋەن ئېسىلزادىلەر بەزمىسىدىكىلەر بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى.

يۈ ۋەنۋەن 15 يېشىدىن باشلاپ، ئەنگىلىيەنىڭ ئاقسۆڭەكلەر ياتاقلىق مەكتىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، لوندون مودا كىيىم ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرۇغان. 2015-يىلى يۈ ۋەنۋەن لوندون سېئاسون ئىنىستىتۇتىدا ئەنگىلىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن قانداق ئالاقە قىلىش دەرىسلىكىدە ئۆگىتىدىغان قانداق يول مېڭىش، پاراڭلىشىش، كىيىنىش قاتارلىق ئىنچىكە مەزمۇنلارنى ئۆگەنگەن. دەرس ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇ زور مىقداردا پۇل خەجلەپ دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئېسىلزادىلەر بەزمىسى ئەنگىلىيە شارلوت مەلىكە بەزمىسىگە دادىسى يۈ جىڭيۈەن بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان. ئىگەللىنىشچە، بۇ بەزمىنىڭ مەيدانغا كىرش ھەققىلا 2500 فوندستېرلىڭغا يېتىدىكەن.

ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئەركە-نايناق مەلىكە بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنى لاتاپەتلىك ئەنگىلىيە خانىملىرى ئوبرازىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2016-يىل 26-مارت ئەنگىلىيە لوندون، يۈ ۋەنۋەن رىيزىت مېھىمانسارىيىدا تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىنى ئۆتكۈزدى. تاراتقۇلار ئۇنى «جۇڭگو زەردارىنىڭ يالغۇز قىزى ئەنگىلىيە ئېسىلزادىلەر جەمئىيتىگە سىڭىپ كىردى» دېگەن تېما بىلەن بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى. 

2016-يىلى ئەنگىلىيە شاننېل، 4 تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدا قويۇلغان «ئەنگىلىيەدىكى مىليونېر كۆچمەنلەر» تېمىسىدىكى مەخسۇس فىلىمدە، جۇڭگونىڭ زەردار ئائىلىسىدىن كەلگەن بالىلارنىڭ ئەنگىلىيەدىكى مەخپىي تۇرمۇشى نامايەن قىلىنغان. بۇنىڭ ئارىسىدا يۈۋەنۋەنمۇ بار بولۇپ، جۇڭگولۇقلار چەمبىرىكىدە كۆپ تەرەپلىمىك دىققەتنى قوزغىغان.

ئىگەللىنشىچە، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يۈ ۋەنۋەن ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتىنى قۇرغان. يەنە تېخى ئەنگىليە مودا كىيىم جەمئىيتىىگە ئەزا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ياش مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە مەبلەغ تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلانغان. بۇ يىل دېكابىردا، ئۇ ئەنگىلىيە مودا كىيىم فوندى جەمئىيتىدىكى ئەڭ ياش ھەمدە بىردىنبىر جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ياردەم بەرگۈچى سالاھىيىتى بىلەن لوندون خان جەمەتى ئالبېرت مۇزىكا زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگىليە مودا مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

2016-يىلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قايسى چوڭ مودا پائالىيەتلىرىدە ئۇنىڭ سىماسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. 2016-يىل 22-ماي 69-نۆۋەتلىك گانا يېپىلىش مۇراسىمى قىزىل گىلەمدە يۈ ۋەنۋەنمۇ پەيدا بولدى.

يۈ ۋەنۋەننىڭ كىيىم سىناش ئۆيىنىڭ بىر بۇرجىكى. Dior، Chanel، Alexander ،Mcqueen قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملار يىغىلغان. 

2016-يىل 18-سىنتەبىر، 2017-يىللىق ئەتىياز يازلىق مودا كىيىم ھەپتىلىكى.

2016-يىللىق كۈز-قىش پەسللىك پارىژ ئالىي دەرىجىلىك بۇيرۇتۇپ تىكىلگەن مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە، ئېسىلزادە خېنىم، مودا مەبلەغ سالغۇچىسى يۈ ۋەنۋەن بىر قانچە پائالىيەتكە قاتنىشىپ، Bvlgari ئۈنچە مەرۋايىتلار زىياپىتىدە لىن شنرۇ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 

يۈ ۋەنۋەن ۋە لى ۋىن.

يۈ ۋەنۋەن ۋە ۋېكتورىيە بېكھام.

يۈ ۋەنۋەن ئەنگىلىيە سابىق باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن بىرگە.

يۈ ۋەنۋەن ۋە ئۇنىڭ دادىسى.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1