باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

جۇڭگو تاماشا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ياپونىيەلىك 5 چولپان

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-04 10:27

 

جۇڭگو تاماشا ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ياپونىيەلىك 5 چولپان

  ھازىر جوڭگو تاماشا ساھەسىدە چەتئەللىك چولپانلار ناھايىتى ئاز، بولۇپمۇ ياپونىيەلىك چولپانلار بارغانسىرى ئازىيىپ كېتىۋاتماقتا، ئەمما تۆۋەندىكى ياپونىيەلىك چولپانلار بىزدە نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدى.

1-كېن تاكاكۇرا 高仓健

  كېن تاكاكۇرا ياپونىيە كىنوچىلىق ساھەسىدىكى داڭدار ئارتىس، ئۇنىڭ 1978-يىلى ئىشلىگەن «قوغلاپ تۇتۇش追捕» ناملىق فىلىمى ئىلىمىزگە تۇنجى بولۇپ كىرگۈزۈلگەن چەتئەل فىلىمى بولۇپ، ئۇ بۇفىلىمدە ئۆزىنىڭ كامالەتكە يەتكەن رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان. 2005-يىلى جۇڭگولۇق داڭلىق رېژىسسور جاڭ يىموۋ رېژىسسورلۇق قىلغان «تۈمەن يوللاردىكى يالغۇز سەپەر千里走单骑» ناملىق فىلىمدە رول ئىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنى يەنە بىر قېتىم ھاياجانغا سالغان، بۇ فىلىممۇ ناھايىتى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئەپسۇس بۇ داڭلىق چولپان 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى توكيودا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 83 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

2-ياسۇكى كۇراتا仓田保昭

  ياسۇكى كۇراتا-لى شياۋلۇڭنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، ياپونىيەلىك «لى شياۋلۇڭ» دەپ نامى تارقالغان. ئۇ 1973-يىلى «كېيىك گۇمپىسى麒麟掌» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان، بۇ فىلىمگە لى شياۋلۇڭ مەسلىھەتچىلىك قىلغان بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن ئىككىيلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىكەن، كېيىن ئۇ ئارقا-ئارقىدىن «باتۇر يولۋاسنىڭ جاھان كېزىشى神龙小虎闯江湖»، «جۇڭخۇا باتۇرى中华丈夫»، «خويۈەنجيا霍元甲» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئىلىپ، 70-يىللاردىكى داڭلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنىغا ئايلانغان، 80-يىللارغا كەلگەندە ئۇ يەنە «بەخت يۇلتۇزى夏日福星»،«ئاقسۆڭەكلەر پويىزى富贵列车»، «شەرقتىكى ئۇچار بۈركۈت东方秃鹰» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان، 1994-يىلى ئۇ لى ليەنجيې بىلەن بىللە «جىڭۋۇ سارىيىدىكى باتۇرلار精武英雄» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، ھازىرمۇ ئۇ كىنوچىلىق ساھەسىدە داۋاملىق رول ئېلىپ كەلمەكتە.

3-سوننى چىبا千叶真一

  سوننى چىبا ياپونىيەنىڭ دۆلەت گۆھېرى دەرىجىسىدىكى ئارتىسى، 1998-يىلى داڭلىق رېژىسسور ليۇ ۋېيچياڭنىڭ تەكلىپى بىلەن «زومىگەرلىك تالىشىش风云-雄霸天下» ناملىق فىلىمدە باش سەلبىي ئوبرازنىڭ رولىنى ئېلىپ ھەممىنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ھەمدە 18-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنوچىلىقىنىڭ «ئالتۇن ھەيكەل» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى چەتئەللىك ئارتىس بولۇپ قالغان. بۇ فىلىمدىن كېيىن ئۇ يەنە جېڭ يىجيەن، چېن شياۋچۈن، شۇچى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە «يەڭگەن بەگ بولۇر胜者为王» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان.

4-تاكىشى كانىشىرو金城武

  تاكىشى كانىشىرو 15 يىشىدا ئېلان ئىشلەش سەۋەبىدىن تاماشا سەھنىسىگە قەدەم قويغان، 1993-يىلى داڭلىق رېژىسسور دۇ چىفېڭ ئىشلىگەن «ھازىرقى زامان پالۋانلىرى ھەققىدە قىسسە现代豪侠传» ناملىق فىلىمدە  ياڭ زىچيوڭ قاتارلىقلار بىلەن رول ئالغان، شۇنىڭدىن كېيىن «چۈشكۈن پەرشتە»، «چۇڭچىڭدىكى ئورمانلىق重庆森林»،«مەكتەپ زومىگىرى学校霸王» قاتارلىق فىلىملەردا رول ئالغان، يېقىنقى يىللاردا يەنە جېن زىدەن بىلەن بىرلىكتە «پالۋان武侠» ناملىق فىلىمدە، لى ليەنجيې بىلەن بىللە «تەسلىمنامە投名状» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. گەرچە 43 ياشلارغا كېرىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا سالاپىتىنى قىلچە يوقۇتۇپ قويماي كىنو-فىلىملەردە رول ئېلىپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ يېقىندا لياڭ چاۋۋېي بىلەن بىللە ئىشلىگەن «دەريادىن ئۆتكۈزگۈچى摆渡人» ناملىق فىلىمى 2016-يىلى يىل ئاخىرىدا قويۇلدى.

5-يانو كوجى矢野浩二

  يانو كوجى 2000-يىللاردا ياپونىيەنىڭ داڭلىق فىلىمى «يېرىم كىچىدىكى قوڭغۇراق ئاۋازى午夜凶铃» دا رول ئالغان، كېيىنچە جۇڭگوغا كىلىپ «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت永恒恋人» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ جۇڭگودىكى ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغان، ئۇزۇن ئۆتمەي خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «كۈنسېرى ئالغا天天向上» پروگىراممىسىغا رىياسەتچىلىق قىلىشى بىلەن نامى تونۇلغان، ئۇنىڭ «كىچىك جەڭچى جاڭگا小兵张嘎» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ياراتقان رولى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ جۇڭگۇلۇق قىزغا ئۆيلىنىپ، بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇپتۇ .



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1