باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

كەچلىك يۈگۈرۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك 10 بىخەتەرلىك ئەسكەرتىمىسى

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-04 10:52

 

«ساغلاملىق تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كەچلىك يۈگۈرۈش» كۆپىنچە خىزمەت مەيدانىدىكى ئالدىراش كىشىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇ تەنھەرىكەت تۈرى ياشلار ئارىسىدىمۇ خېلىلا مودىغا ئايلاندى. كەچلىك يۈگۈرۈشتىكى ھەرىكەت مىقدارىدىن كېيىن، چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەندىكى ئاشۇ تۇيغۇ كىشىنىڭ روھىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىپ، بىر كېچىدىكى ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بىراق، يەنە بىر قىسىم «كەچلىك يۈگۈرۈش مەستانىلىرى»دە جىددىيىلىشىش سەۋەبىدىن ھەرىكەت خاراكتېرلىك توغرا يوللۇق مۇسكۇل ئېرىش، يۈرەك قان تومۇر ۋە نەپەس سىستېمىسى مەسىلىلىرىمۇ كۆرۈلمەكتە.

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن كەچتە يۈگۈرىمىز؟

1. كەچلىك يۈگۈرۈش، نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلار تەرىپىدىن ئالىقىشقا ئېرىشىپ كەلگەن. ئاخشىمى ھاۋا بىر قەدەر سالقىن بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى تارقىلىشى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، كۆيۈپ قارىداپ كېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

2. كەچلىك يۈگۈرۈش، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى. سەھەردە ئۇيقۇنى ئېچىش تەس، قوپۇش خوشياقمىغاچقا، يەنە كېلىپ، ئەتىگەندىكى ئالدىراشچىلىقتا يۈگۈرۈشكە ۋاقىت چىقارغىلى بولمايدۇ. كەچتە يۈگۈرسە، ھەم خىزمەتكە تەسىر يەتمەيدۇ، ھەم بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئورۇقلاش مەقسىتگە يەتكىلى بولىدۇ.

3. كەچلىك يۈگۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. كەچنىڭ ھاۋاسى كۈندۈزنىڭ ھاۋاسىغا سېلىشتۇرغاندا، بىر قەدەر ساپ بولۇپ، ئوكسېگىننمۇ بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. يەنە كېلىپ، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ كەچتىكى جىسمانىي كۈچى ئەڭ ياخشى بولۇپ، بۇنداق بولغاندا، يۈگۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى، كېسەللىك ۋە يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

4. كەچتە يۈگۈرگەندە، بېسىمنى ئەڭ ئۈنۈملۈك يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتىڭىزدا، بىر كۈنلۈك خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدىكى بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەممىنى ئۇنتۇپ، غەم-ئەندىشىسىز ھالدا يۈگۈرسىڭىز بىر خىل يىنىكلەپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. بۇنداق بولغاندا، ئەتىسى سىزدە ساغلام روھىي قىياپەت پەيدا بولىدۇ. 

كەچلىك يۈگۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان 10 نۇقتا: 

1. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە، يېنىڭىزدا بىللە يۈگۈرۈشۈپ بېرىدىغان ھەمراھىڭىزنىڭ بولغىنى ياخشى.

2. ئەگەر ئۆيىڭىزدە ئەرمەك ئىتىڭىز بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە يۈگۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

3. كەچتە يۈگۈرگەندە نائۇشنىك تاقىماڭ. ئەگەر تاقاش توغرا كەلسە، بىر قۇلاققا تاقاڭ ياكى ئاۋازىنى تۆۋەنلىتىپ ئاڭلاڭ. بۇنداق بولغاندا، خەتەرنىڭ ئۆزىڭىزگە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋاقىتىدا ھېس قىلالايسىز.

4. يېنىڭىزغا مۇداپىئەلىنىش پۈركىمىسىنى ئېلىۋېلىپ، ئاسان قولغا چىقىدىغان ئورۇنغا قويۇپ قويۇڭ.

5. يانفونىڭىزنى ئېلىۋىلىڭ، ئەگەر يانفونىڭىزنىڭ شىفىرى بولسا، ئۇنى ئېتىۋىتىڭ. بۇنداق بولغاندا، تاساددىپىي خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا قولايلىق بولىدۇ. 

6. كىملىك قاتارلىقلارنى ئېلىۋىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا ئەسقاتىدۇ.

7. قاراڭغۇ يوللاردا يۈگۈرگەندە، نۇر قايتۇردىغان كىيىم-كېچەك ياكى باش چىرىغى تاقىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

8. ئۆزىڭىزنىڭ تۇغما قابىلىيتىڭىزنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ. ئەگەر بىرەر ماس كەلمەسلىكىنى بايقىسىڭىز، دەرھال دائىملىق يولىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، ئاۋات رايونلارغا قاراپ يۈگۈرۈڭ.

9. ئامال بار ئەتراپتا ئادەملەر توپلاشقان ياكى باشقا پائالىيەت رايونلاردا يۈگۈرۈڭ.

10. يالغۇز يۈگۈرگەندە، دائىم يول لىنىيەسى بىلەن يۈگۈرۈش ۋاقىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ.

مۇتەخەسسىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەڭ ساغلام يۈگۈرۈشنىڭ چېنىقىش سىجىللىقى ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم 144 مىنۇت ئىچىدە بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن. ئادەتتە ئۇزۇنغا يۈگۈرمەسلىك كېرەك، يۈگۈرۈش سۈرئىتى ئاستا ياكى ئوتتۇرا سۈرئەتتە كونتىرول قىلىپ، سائىتىگە 8-10 كىلومېتىر يۈگۈرسە مۇۋاپىق بولىدۇ.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1