باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

ئادەم بەدىنىدىكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىكى «تۇنجى»لار

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-04 10:50

 

بۆرەك (1954-يىلى)

ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم كۆچۈرۈلگەن ئەزا بۆرەكتۇر. ئامېرىكا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى جوسف بىر جۈپ قوشكېزەك بالىغا بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بارغان. جوسف ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالىرى ۋە ھۈجەيرە كۆچۈرۈش تەتقىقاتىدىكى كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى ئۈچۈن 1990-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

يىلىك (1956-يىلى)

ئامېرىكىلىق دوختۇر ئېدۋارد دوننال توماس تۇنجى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر ئاق قان كېسىلى بىمارغا يىلىك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بارغان. 1990-يىلى  ئۇ دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان جوسف بىلەن بىرلىكتە نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىش ىكەن.

جىگەر (1963-يىلى)

دۇنيادا تۇنجى قېتىملىق جىگەر كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسىنى «جىگەر كۆچۈرۈش ئاتىسى» دەپ نام ئالغان ئامېرىكىلىق توماس ستارزل مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان. ۋەھالەنكى، تۇنجى قېتىملىق ھايات تەندىن جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بولسا ئۇنىڭدىن 25يىل كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يەنى 1988-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى بىرازىلىيە ساۋ پاۋلو تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرى رايا ئېلىپ بارغان. بىمار بولسا تۆت يېرىم ياشلىق قىزچاق بولۇپ جىگەر بىلەن تەمىنلىگۈچى بولسا ئۇنىڭ 23 ياشلىق ئاپىسى ئىدى، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن بىماردا ئېغىر دەرىجىدە گېمولىز ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ئالتىنچى كۈنى بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن.

ئۆپكە (1963-يىلى)

خاردىي قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۆپكە سول قانىتىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بارغان. ئەمما بىمار پەقەت 18 كۈنلا ھايات كەچۈرەلىگەن.

ئاشقازان ئاستى بېزى (1966-يىلى)

ئامېرىكا مىننېسۇدا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاشقازان ئاستى بېزىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان.

يۈرەك (1968-يىلى)

جەنۇبىي ئافرىقىلىق دوختۇر كىرىستىيان بارنارد كېپتوندىكى  بىر دوختۇرخانىدا ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. يۈرەك قوبۇل قىلغۇچى ۋاشكانىسكىي قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان 25 ياشلىى ئايالنىڭ يۈرىكىنى كۆچۈرگەندىن كېيىن ئون سەككىز كۈنلا ھايات كەچۈرگەن.

قول (1999-يىلى)

رېن شياۋپىڭ ئامېرىكىنىڭ «كىلارنات مىكروسكوپ تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزى»دە ئىنسانلار تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق يان تەن ئارا قول كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە قاتنىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بۇ كېسەللىك مىسالى ھازىرغىچە ھايات كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، 17يىل بولغان. ئۇ خەلقارادىكى يات تەن ئارا قول كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىدىكى ھايات قېلىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مۇۋەپپەقىيەت مىسالى بولۇپ قالدى.

بالىياتقۇ (2012-يىلى)

تۈركىيەلىك داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئۆمەر ئۆزكان بىر گۇرۇپپا داۋالاش ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە شەھىرىدىكى ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىر دوختۇرخانىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىملىق بالىياتقۇ كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلغان.



ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1