باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

ياتاق ئۆيگە ماي بوياق رەسىم ئاسماڭ

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-04 10:35

 

ئۆي ئىچىنى زىننەتلەش ئۈچۈن ئېسىلىدىغان رەسىملەر ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل مەسىلە مەۋجۇت: بىرىنچىدىن، بىر قىسىم رەسىم رامكىسى بىخەتەر ئەمەس، دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولغان رامكىلار ئېغىر بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، تۆۋەن زىچلىقتىكى تالالىق پاختىدىن ياسىلىدۇ. بۇنداق تاختايلاردا فورمالدېگىد، بېنزول قاتارلىق ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن.

 ئىككىنچىدىن، ماي بوياق رەسىملەرگە ئىشلىتىدىغان بوياقلارنىڭ تەركىبىدە مەلۇم مىقداردا سىتىبىي، ئارسېن، بارىي، سىماب، سېلىن قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار، بۇ ئېغىر مېتاللارنى ئادەم كۆپ سۈمۈرۋالسا سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. باسما ئەسەرلەر، سۇ بوياق رەسىملىرى، جۇڭگوچە رەسىملەر نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بىر قىسىم يېپىشقاق تەركىبلىك ماتېرىياللاردا كۆپ مىقداردا فورمالدېھىد ۋە بېنزول بار.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىر ۋە يىلىم ئاز ئىشلىتىلگەن،بەك قېنىق رەڭلەر ئىشلىتىلمىگەن رەسىملەرنى تاللاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، بۇ رەسىملەردىن دىماقنى غىدىقلايدىغان پۇراق چىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، رەسىمنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يەرگە بىر مەزگىل قويۇپ ئاندىن تامغا ئېسىش كېرەك.






ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1