باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ ئىزچىلا تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

ھورۇنلۇق قىلىپ قوپماي ئۇخلاش سالامەتلىككە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

مەنبە : nur.cn يوللىغۇچى : نامەلۇم يوللانغان ۋاقىت : 2017-01-04 10:33

 

زور كۆپ ساندىكى ئادەملەردە ھارغىنلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆپ ئۇخلاش كېرەك دەيدىغان بىر خىل خاتا ئۇقۇم بار، ئەمەلىيەتتە ئۇيقۇ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ساغلاملىققا ئېرىشىمەن دېيىش پۈتۈنلەي خاتا. ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىققا ئوخشاش ھارغىنلىقنى تۈگىتەلمەي قالماستىن، يەنە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە بىر مۇنچە زىيانلارنى سالىدۇ.

بىئولوگىيىلىك سائەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ: ئورگانىزمدىكى ھورمۇننىڭ ئاجرىتىلىشى قانۇنىيەتلىك بولىدۇ، ھورۇنلۇق قىلىپ قوپماي ئۇخلىغاندا ئورگانىزمنىڭ بىئولوگىيىلىك سائىتى قالايمىقانلىشىپ، كېچە بىلەن كۈندۈز ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ، كۈندۈزى ھېرىپ چارچايدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، تۇرمۇش خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە تەسىر يېتىدۇ.

نەپەس سىستېمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ: پۈتۈن بىر ئاخشام ئۇخلاپ چىققاندا ياتاق ئۆيدىكى ھاۋا بۇلغىنىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى زور مىقداردىكى مىكروب، ۋىرۇس، كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە چاڭ توزانلار نەپەس سىستېمىدا كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ. دائىم ئۇزاق ۋاقىت ئۇخلايدىغانلارنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ھەرىكەت قىلىشى ئاز بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاق ئۆي ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ،دائىم زۇكام، يۆتەل قاتارلىق كېسەللەردىن قۇتۇلالمايدۇ.

ھەرىكەت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ: بىر ئاخشام دەم ئالغاندىن كېيىن سەھەردە مۇسكۇل ۋە بوغۇملار بىر قەدەر بوشىشىپ كېتىدۇ، ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بىر ئاز ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە، مۇسكۇللارنىڭ كېڭىيىشنى كۈچەيتىپ، مۇسكۇللارنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، مۇسكۇل توقۇلمىلىرى ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە تۇرغۇزىدۇ ۋە كېچىدىن بۇيان مۇسكۇللاردا يىغىلىپ قالغان نەرسىلەرنى سىرتقا ھەيدەيدۇ. بۇ مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ چوڭىيىشى ۋە يۇمشىشىغا پايدىلىق. ھورۇنلۇق قىلىپ قوپماي ئۇخلايدىغانلارنىڭ مۇسكۇل توقۇلمىلىرى ئۇزاق ۋاقىت بېسىلىپ تۇرۇپ، چېنىقىشنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى مۇناسىپ ھالدا ئاستىلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈنبويى خامۇش، روھسىز ماغدۇرسىز ھالەتتە يۈرىدۇ.

ھەزىم سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ: ئۇزاق مۇددەت ئۇخلاش ئادەمنى ۋاقتى قەرەلىدە تاماق يېيىشتىن مەھرۇم قىلىدىغان بولغاچقا، ئاشقازان ئۈچەي ئاشلىقتىن لۆمۈلدەپ ئاشقازان ئۈچەي سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىتىلىش قانۇنىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، ھەزىم ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىپ ھەزىم سىستېمىسىدا ئاشقازان ياللۇغى،ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا قىلىدۇ.

يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ: ئۇيقۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە يۈرەكنىڭ دەم ئېلىشى ۋە ھەرىكەت قىلىش قانۇنىيىتى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ-دە، ئۇزاق ۋاقىت تۆۋەن ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىپ، ئاخىرىدا يۈرەك كېڭىيىش، قىسقىراشتا ماغدۇرسىزلىنىدىغان، ھەرىكەت قىلغان ھامان يۈرەك رىتىمسىزلىقى،يۈرەك ئېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ قان يېپىشقاقلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئەگەر ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە قاننىڭ يېپىشقاقلىقى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا سەكتە، تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

نېرۋا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ: تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە بەك كۆپ بولۇشى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيقۇنىڭ كۆپ بولۇشى يەنە كېلىپ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق روھىي خاراكتېرىدىكى مەزگىللەردە ئىپادىلىنىدۇ.

ئۇنداق بولسا ھەر كۈنى قانچە سائەت ئۇخلىغاندا سالامەتلىككە پايدىلىق بولىدۇ؟

چوڭلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇخلىغان ۋاقتى ئۆلچىمى 6-8سائەتكىچە، ياشانغانلارنىڭ مۇشۇ ئاساستا 1-2 سائەت كەم بولسا، ياشلار،ئۆسمۈرلەرنىڭ1-2 سائەت ئارتۇقراق بولسا بولىدۇ، دەرۋەقە ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشنى سالامەتلىك ئەھۋالى، ئۆزىنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىك تۇيغۇسىغا قاراپ بېكىتىش، ئەتىسى ئورنىدىن قوپقاندا كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياكى تۇرمايدىغانلىقىنى ئۆلچەم قىلىش لازىم.





ئىزچىلا تورى ئادرىسنى ئىسىڭىزدە ساقلىۋىلىڭ ! : www.izqila.com

شىنجاڭ خوتەن ئىزچىلا تور-تېخنىكا مەركىزى

Xinjiang izqila Technology Center

بىكەت مەسئۇلى : ئابدۇراخمان ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق : 13364895276

QQ :1455094970 Email : 1455094970@qq.com

پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقىملىقنى قوغداپ ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى !
新ICP备123456789号-1